كۈمۈشنىڭ قايتا ئۆرلىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى

parida 2019-03-26 15:54:23

\


سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال كۈمۈش تار دائىرىلىك تەۋرىنىش قىلىپ 15.53ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تۇرغان، گەرچە خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى كۈمۈشكە تېرەك بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇمۇمى جەھەتتىن قارىغاندا، كۈمۈشنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش يۈزلىنىشى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغان، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى كۈمۈشنىڭ ئۆسۈش مۆلچەرىمۇ ئىلگىرىكى مەزگىلىكىدەك ئۇنچە روشەن بولمىغان بولۇپ، نېفىت باھاسنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشى يەنىلا سەۋرچانلىققا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان.

تېخنىكا جەھەتتىن قارىغاندا:

كۈنلۈك گىرافىكتا كۆرسىتىلىشچە، نەق مال كۈمۈشنىڭ يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىشى دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغان. گەرچەKDكۆرسەتكۈچى ۋە RSIكۆرسەتكۈچىدە يۇقىرىغا يۈزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق كۈمۈش باھاسى ھازىر 50كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقىنىڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، يۇقىرىغا ئۆرلەش يۈزلىنىشى ئاستىلاشقا باشلىغان.

4سائەتلىك گىرافكتا كۆرسىلىشچە، كۈمۈش قىسىقا سىزىقىنىڭ يۈزلىنىشى تار دائىرىلىك تەۋرىنىش قىلغان، بىراق ئۇمۇمى جەھەتتىن يەنىلا يۇقىرىغا ئۆرلەشكە مايىل بولسىمۇ، بىراق گەرچەKDكۆرسەتكۈچى ۋە RSIكۆرسەتكۈچىدە بەلگىلىك دەرىجىدە قايتا تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، بىراق MAئوتتۇرىچە سىزىقىدا يەنىلا كىچىك دائىرىدە قاڭقىش ھالىتى ئىپادىلەنگەن، بۇنىڭدىن كۈمۈش باھاسىنىڭ يەنىلا ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى داۋام قىلدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.