بۈگۈن كەچتىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىپادىسىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ

rabigul 2019-03-26 16:25:22

\

يېقىندىن بۇيان سودا بازارىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ خارابلاشقىنىغا قاراپ ئەندىشىسى كۈچىيىپ ، بازاردا خەۋىپ – خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى بارغانسېرى ئاشتى ، ئەمما ، ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى قايتا ئۆرلەش ۋەزىيىتى يەنە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ .

دۈشەنبە كۈنىدىكى بازارغا 10 يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتى تەسىر يەتكۈزدى ،ھەمدە1 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بۇلۇپ 2.375% گە يىقىنلاشتى . ئۈچ ئايلىق ۋە 10 يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتى 2007 - يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەتۈر پەرق كۆرۈلدى.

بۇ خىل ئەھۋال بازارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئەندىشە ئەكەپلا قالماي ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئىشەنچىسىگە يەنە بىر قىتىم زەربە بېرىدۇ .

دۈشەنبە، چىكاگو بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېۋانس سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:" ئەگەر پايدا نىسبىتى ئەگرى سىزىقىنىڭ ئىنتىلىشى بىر قەدەر تۇراقلىق بولسا بۇنىڭغا قاراپ بازارنىڭ جىددىيلىشىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ ، لېكىن بۇخىل ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر ئاللىقاچان ئېلان قىلنىپ بولغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مەيداننىنىڭ ئېھتىياتچان بۇلدىغان ۋاقتى، مۆلچەرلىنىشىچە كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشۇشۇلماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكا 10 يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلەشى ،بەلكىم ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ بېشارەتى بۇلشى مۇمكىن.سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىردا ، بوستون بىرلەشمە رەئىسى لوسىنگىلىن سۆز قىلىپ:"1 - پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۋاملىق ئاجزلىشىپ ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتى2%_2.5% كە يېقىنلاشتى . يەر شارىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىگەتۈرتكەبولدى .ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ۋاقتىنچە نۆۋەتتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ ." ئۇ يەنە مونداق دېدى:"

قارىشىمچە مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى بەلكىم كېلەر قېتىملىق بازارنىڭ چېكىنىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى توغرا ئۇسۇل ئەمەس.

كەچلىك بازاردا ئامېرىكا مۆلۈك بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى كۈتۈۋالىدۇ ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات پايدىلىق بولسا ، دولللاغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.