ئاپتوموبىل دۇنياسىدىكى بۇ ئاجايىب «ئەڭ»لەرنى بىلەمسىز؟

parida 2018-04-25 18:20:51

\

تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان قولايلىق تەرەپلىرى بىلەن ئاپتوموبىل ئاللىقاچان بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسىمغا ئايلاندى. بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى ياكى ياخشى ئاپتوموبىل تەۋسىيەسى ئەمەس بەلكى ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى ئەڭ غەلىتە ئىشلار.
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت نومۇر تاختىسى

\

«قۇملۇقتىكى مەرۋايىت» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە دۆلەت. شۇڭا بۇ دۆلەتتە كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى بەك يۇقىرى بولۇپ پۇلدار كىشىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. 2008-يىلى پايتەخت ئابۇزابىدا ئېچىلغان خەيرلىك-ساخاۋەت نامىدىكى بىر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە سەيد ئابدۇلجاففار ئىسىملىك زەردار «بىر» رەقىمى يېزىلغان نومۇر تاختىسىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تالىشىپ سېتىۋالغان.

\

نومۇر تاختىسىغا پەقەت بىر دېگەن رەقەمنىڭ يېزىلغانلىقى سىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن، بىراق ئەڭ ھەيران قالارلىق يېرى بۇ نومۇر تاختىسىنىڭ باھاسى. سەيد ئابدۇلجاففار بۇ نومۇر تاختىسىنى 52 مىليون 200مىڭ دەرھەمگە (تەخمىنەن 14 مىليون 200مىڭ ئامېرىكا دوللىرى)سېتىۋالغان. شۇنچە كۆپ پۇلغا پەقەت بىر نېپىز تۆمۈر تاختىنى سېتىۋېلىشنى بەلكىم شۇنداق پۇلى كۆپ ئادەملەرلا قىلالىشى مۇمكىن. ئۇ نومۇر تاختىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇ تاختىنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا بولغان بۇگاتتى ۋېيرونغا ئورناتقان.
دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ئاپتوموبىل

\

دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ئاپتوموبىل دېگەن خەتلەرنى كۆرۈپ كاللىڭىزغا بەلكىم چىرۈي QQ ، جوڭتەي قاتارلىق كىچىك ھەم ئەرزان ئاپتوموبىللار كېلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ئاپتوموبىللار ئەمەس. ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ئاپتوموبىلنى سېھىرى كۈچكە تولغان دۆلەت ھىندىستان ياسىغان. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ماركىسى TATA Nano بولۇپ بۇ مىكرو تىپتىكى تۆت ئىشىكلىك ئوماق ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش باھاسى ئاران 2000 ئامېرىكا دوللىرى.

\

زاۋۇت تەرەپ ياساش تەننەرخىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچەپ بەزى تەدبىرلەرنى قوللانغان. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ زاپچاسلىرىمۇ شۇنداق ئاز بولۇپ بۇراش ياردەمچىسى، ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا دېرىزىسى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ياڭراتقۇ قاتارلىق سەپلىمىلەرنىڭ بىرىمۇ يوق. پۇل تېجەش ئۈچۈن زاۋۇت بۇ ئاپتوموبىلغا جىددىي تورمۇز قىلغاندىكى بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسىنىمۇ ئورناتمىغان. بىراق بۇ ئاپتوموبىللار بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ «ئاپتوموبىل چۈشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
ئىشلەپچىقىرىش سانىغا چەڭ قويۇلغان ئەڭ قىممەت ئاپتوموبىل: CCXR Trevita

\

دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ئاپتوموبىلنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىز ئەمدى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ۋە ئەڭ ئەتىۋارلىق ئاپتوموبىلنى تونۇشتۇرىمىز. كۆپلىگەن ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن Koenigsegg ناتونۇش ئەمەس. شىۋېتسىيەدىكى بۇ ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى خاراكتىرىدىكى تۈرلەرگە قارىتىلغان بولۇپ ئۇلار ئىشلەپچىقارغان CCXR Trevita ئاپتوموبىلى 48 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى باھا بىلەن دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىش سانىغا چەك قويۇلغان ئەڭ قىممەت ئاپتوموبىل بولۇپ قالغان. تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى بۇ خىل ئاپتوموبىلدىن پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئۈچ دانىلا بار بولۇپ رىۋايەتلىك بوكس شاھى مايۋەزېر ئۇنىڭ سېتىۋالغۇچىسىنىڭ بىرى.

\

بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ماتېرىياللىرى ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ موتورىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. ئات كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1018 كە يېتىدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تىزلىنىشى يۇقىرى بولۇپ ئەڭ تېز سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل

\

ئەگەر سىز فورد F150، تويوتا تۇندىرا (Toyota Tundra) ياكى جورج پاتتون (G.PATTON) قاتارلىق ئاپتوموبىللارنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز چوقۇم ئۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ھەيۋەتلىك گەۋدىسىدىن ھەيران بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق بۇلارمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئەمەس. بۇ ئاپتوموبىللارنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بولغان t282b Liebherr كە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەنمۇ «غوجامنىڭ غوجىسى بار»لىقىنى ھېس قىلىسىز.

\

ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىزېل مېيىنى يېقىلغۇ قىلىدىغان قوش ئوقلۇق تۆت چاچلىق ئاپتوموبىل بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشچان توك ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 64 كىلومېتىر بولۇپ ئەڭ يۇقىرى يۈك بېسىش مىقدارى 363 توننا.
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئاپتوموبىل

\

Peel P50 بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئاپتوموبىل. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ گەۋدىسى 1.34 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ باشقا نورمال ئاپتوموبىللارنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كەڭلىكى 0.99 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر بولۇپ پۈتۈن ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى پەقەت 59 كىلوگىراملا كېلىدۇ. بۇ سانلىق ئۇچۇرلاردىن Peel P50 نىڭ قانچىلىك مىكرو ئىكەنلىكنى كۆرۈۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس.

\

Peel P50 ئۈچ چاقلىق يالغۇز كىشىلىك ئاپتوموبىل بولۇپ ئەڭ تىز سائەتلىك سۈرئىتى 61 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق كىچىك ئاپتوموبىلنى يوللاردا ھەيدەپ يۈرۈشتىن ھەممە شوپۇرلار ئەنسىرىشى مۇمكىن، بىراق ئەنگلىيەدە كىشىلەر ئۇنى ئازراقمۇ كەمسىتمەيدۇ. ئۇ ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ئەمەس بەلكى ئاپتوموبىل. سىز ئۇنى لوندوندىكى يوللاردا قانۇنلۇق ھالدا ھەيدەپ يۈرسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
دۇنيادىكى تېزلىنىشى ئەڭ تېز ئاپتوموبىل 标致) 208 T16 Peugeot)

\

1.8 سېكۇنتتا نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟ بەلكىم سىز مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاپ بولۇشقىمۇ ئىككى سېكۇنت كېتىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت بىراق بۇ ئاپتوموبىل بۇ قىسقىغىنا 1.8 سېكۇنتتا يۈز كىلومېتىرلىق تېزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. فىرانسىيە Peugeot گۇرۇھى بۇ ئاپتوموبىلنى مەخسۇس خەلقئارالىق تاغقا يامىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلىگەن بولۇپ زاۋۇت يۇقىرى تېزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن موتور قىسمىغا ناھايىتى كۈچىگەن.

\

بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىقىرىش قۇۋۋىتى 875 ئات كۈچى بولۇپ زاۋۇت ئاپتوموبىل ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ماشىنا گەۋدىسىگە ئالاھىدە ياسالغان كاربون تالاسى ئىشلەتكەن. بۇ تىپنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 875 كىلوگىرام، يۈز كىلومېتىرلىق تېزلىنىشىگە پەقەت 1.8 سېكۇنتلا كېتىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ئاپتوموبىلغا 4.8 سېكۇنت ۋاقىت بەرسىڭىز ئۇنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىرغا يېتەلەيدۇ، يەتتە سېكۇنتتا km/h240 قا يېتىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاپتوموبىل

\

نۇرغۇنلىغان توي مۇلازىمىتى شىركەتلىرى لىنكولىننى تويلۇق مەخسۇس ماشىنا قىلىپ ئىشلىتىدۇ، دېمىسىمۇ ئۇنىڭ 8.5 مېتىرلىق ئۇزۇن گەۋدىسى ناھايىتى سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ. بىراق ئۇمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاپتوموبىل ئەمەس، لىنكولىنمۇ بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇنچىلىك قىسقا كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

\

ئىلگىرى ئامېرىكىلىق بىر ماشىنا ھەۋەسكارى ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل چىقىرىپ كادىلاك شىركىتىگە بىر ئاپتوموبىل ياساتقان بولۇپ ئۇ دەل دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئاپتوموبىلدۇر. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30.5 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ ئىچىدە سۇ ئۈزۈش كۆلى، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ، كىچىك تىپتىكى قاۋاقخانا ۋە گولف توپ مەيدانى بار. ئەلۋەتتە بۇ ئاپتوموبىل قانداق يوللاردا ماڭىدۇ، قانداق بۇرۇلىدۇ، قانداق ماشىنا توختىتىش ئورۇنلىرىغا توختىتىدۇ، قانچە پۇل ماشىنا توختىتىش ھەققى ئالىدۇ دېگەندەك مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.