ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟

ilkan_atigul 2018-04-25 18:20:50

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى : ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قوللانغان بەزى ھەرىكەتلەر كەلگۈسىدە ئالتۇن باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ .بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە : ئۆسۈم قوشۇش دېگەندەك ھەرىكەتلەر ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىغان.لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس .

ئەمەلىي نەتىجىسىدىن قارىغاندا،بۇ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئانچە مۇھىم ئەمەس ،Investopedia سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىلىشىچە،ئالتۇن باھاسى 1970-يىلدىن2015-يىلغىچە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت پەقەت %28.

20- ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، ئالتۇن باھاسى تىزدىن ئۆرلەپ كەتتى،بۇ مەزگىلدە قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈم نىسبىتى 1971-يىلىدىن %3.5ئۆرلىدى،1980-يىلى %16، ئالتۇن باھاسى بولسا 50دوللاردىن ئۈسۈپ 850دوللارغا چىققان.ئۇنىڭدىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى بىلەن ئۆسۈم نىسبىتى ماس قەدەملىك 20 يىل چۈشۈپ كەتتى .

2000 - يىلدىن كېيىن ،ئالتۇن باھاسى قايتىدىن راۋاجلىنىشقا باشلىدى،ئۆسۈم نىسبىتى بولسا تۆۋەنلەپ نۆلگە چۈشۈپ قالدى، بىراق 2004-يىلىدىن 2006-يىلغىچە ئالتۇن باھاسى ئۈسۈپ %50گە يېقىنلاشقان ،ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بولسا %1دىن% 5 ئۆسۈم قوشقان.ئالتۇننىڭ باھاسى بازارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق .


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.