ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن مېيىپلارغا 90 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىلدى

parida 2018-04-25 18:00:55

\

شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىقتىساد كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 90 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىلدى.
مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون مالىيەسى چىقىم قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا تۇرمۇش ياردەم مەبلىغى بېرىش ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، جايلارغا مېيىپلارنىڭ تۈرلۈك ياردەم مەبلىغىدىن 90 مىليون 400 مىڭ يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ پۇل ئاساسلىقى جايلار (ئوبلاست، شەھەر) لەردىكى مېڭە پارالىچ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نامرات روھىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ بالنېستىدا يېتىش ياردەم پۇلى، مېيىپلار «مېھىر-مۇھەببەت ئەلچىسى» ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈرى ۋە يېزىلاردا ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە مېيىپلارنىڭ تۈرلۈك تۇرمۇش ياردەم مەبلىغى پۈتۈنلەي ئاجرىتىلىپ بولدى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلار) غا 27 مىليون 450 مىڭ يۈەن، جايلارغا 62 مىليون 950 مىڭ يۈەن، ئۈرۈمچىگە 3 مىليون 710 مىڭ 300 يۈەن ئاجرىتىلدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.