2017-يىلى 3-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-03-24 11:29:45

\

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 5-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.34 دوللار تۆۋەنلەپ ،47.70 دوللار/باك بولدى . برېنىت 5-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.08 دوللار تۆۋەنلەپ ،50.56 دوللار/باك بولدى . ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ئۇدا يۇقىرى ئورنىنى ساقلاپ ، نېفىت باھاسىغا پايدىسىز ئامىل ئېلىپ كەلدى ، ھەم نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPEC تەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ نېفىت باھاسىغا ئېلىپ كەلگەن بەلگىلىك تىرەش رولىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن نېفىت بازىرى يەنىلا ئەندىشە قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دوللار باھاسى مۇقىم ئۆرلىگەنلىكتىن يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بېسىمىنى كۈچەيتتى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 47.59 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 50.26 دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 48.48-47.58 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن بىز ئاسىيا بازىرىدا نېفىتنى47.8-48ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى 49-49.2 ئەتراپىغىچە كۆرۈش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ، ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا بازىرىدا بۇ تەھلىل بۇيىچە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندا ، بىز نېفىتنى 47.7-47.8 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى 49-49.2 ئەتراپىغىچە كۆرۈش ، زىياننى 47 گە تەڭشەش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ، نېفىت باھاسى ئەڭ تۆۋەن 47.58 ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ ، كەچلىك سودا تەھلىلى بويىچە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن پايدا رايونىغا يەتمىدى ، ئەگەردە قولىمىزدا تۈنۈگۈنكى كەچلىك تەھلىل بۇيىچە ئېلىۋالغان نېفىت ئۆسۈش مېلى بار بولسا ، بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا پايدا نۇقتىسىغا پۇرسەت بەرگەندە قولدىن چىقارساق بولىدۇ . تۈنۈگۈن نېفىتتىن زىيان شەكىللەنمىدى .
2.بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلا
47

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.