سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان نېفىت ئىكىسپورتى كېمەيدى

gulbostan 2017-03-24 11:36:11

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارالىق نېفىت باھاسى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى، سەۋەبى بولسا سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىغا بولغان نېفىت ئىكىسپورتى چۈشكەن. لىكىن پۈتكۈل بازار يەنىلا تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئارتىپ كېتىشىنىڭ بىسىمىغا ئۇچرىغان، مەبلەغ سالغۇچىلار OPEC باشچىلىقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا نېفىت زاپىسىنى ئازلىتالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلغان.
سودىگەرنىڭ ئېيتىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ كىچىك دائىرىدە ئۆرلىشى دوكىلاتتا سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ 3-ئايدا ئامېرىكىغا قىلغان كۈندىلىك نېفىت ئىكىسپورت مىقدارىنىڭ 2-ئايدىكىگە قارىغاندا 300 مىڭ باك ئازلىغانلىقى ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بولۇپ، بۇ OPEC نىڭ ھەرىكىتىگە ئۇيغۇن كىلىدىكەن. ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكىنىڭ 2-ئايدىكى كۈندىلىك نېفىت ئىكىسپورتى1 مىليۇن 300 مىڭ باك بولغان.
ئاۋشىڭ گوروھىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرىشىچە، بازار OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق داۋاملىق ئېشىۋاتقان زاپىنى كېمەيتىش كېرەك ئىكەن
IITrader.com نىڭ قەرەللىك مال ماشقۇرۇش بۆلىمىنىڭ مۇدىرى Oliver Sloup:« ئەگەر ئامېرىكا قېدىرىش ماشىنىلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرسا ، بۇ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېھتىياجدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە بازار يەنىمۇ بىر قەدەم بىسىمغا ئۇچرايدۇ» دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.