2017-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-03-24 11:17:06

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى جۈمە(3-ئاينىڭ24-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا چۈشۈپ1243 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. پەيشەنبە(3-ئاينىڭ23-كۈنى)ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن، دوللار ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىگەن، ھەمدە يېقىنقى بىر ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1253.12 دوللاردىن چۈشۈپ 1245 دوللاردا بازار يېپىلغان. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ يېڭى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قانۇن لايىھەسىنى قارار قىلىشى، ئەگەر بۇ قېتىم دەسلەپتە مەغلۇپ بولسا، تىرامپ ۋە پارلامېنت جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كەلگۈسىدە ئاساسىي قۇرۇلۇش باج ئىسلاھاتىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىگە تۈرتكە بولىدۇ، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ توسقۇنلۇق ۋە ئىچكى كۈرەشكە ئۇچرايدۇ. بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى1253.3-1242.8 دوللار ئارىلىقىدا بولدى. بىز تۈنۈگۈن كۈندۈز تەرەپتە بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق. ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا 1245 دوللاردىن ئۈسۈشكە ئېلىپ 1248 دوللاردا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى. ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلساق 3 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن ئاسىيا سودابازىرىدا ئالتۇن باھاسى چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز،تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1240دوللار
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.