2017-يىلى 3-ئاينىڭ23-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-03-23 11:00:41

\

ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا 5-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.20 دوللار تۆۋەنلەپ ،48.04 دوللار/باك بولدى . برېنىت 5-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.32 دوللار تۆۋەنلەپ ،50.64 دوللار/باك بولدى . ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ۋە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ ، نېفىت بازىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىگە قارىتا گۇمان قىلىش پوزىتسىيىسىنى تىخىمۇ كۈچەيتتى ، گەرچە دوللار باھاسى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ياردەم قىلالمىدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى بىر مەھەل تۆۋەنلەپ 50 دوللار/باك ئەتراپىدىكى تىرەش نۇقتىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 47.08 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 49.73 دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.چارشەنبە كۈنى نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 48.32-47.01 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، تۈنۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا بىز نېفىتنى 47.8 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ ، ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلغاندا پايدىسىنى 48 ئەتراپىغىچە كۆردۇق ، بۇ سودا تەھلىلدىن 0.2 دوللار پايدا كۆرۈلدى ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندا نېفىتنى 48 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى 47.5-47 ئەتراپىغىچە كۆرۈش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ، لېكىن نېفىت باھاسى سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ يۇقىرى 47.8 ئەتراپىغا ئۆرلەپ ، 48 ئەتراپىدىكى باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى ، ئەگەردە 47.8 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالغان بولساق ، سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى نېفىت باھاسىغا پايدىسىز چىققانلىقتىن ، نېفىت باھاسى ئەڭ تۆۋەن 47.01 ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ ، ئىككىنچى پايدا رايونىغا يەتتى . ھەمدە بىز تۈنۈگۈن كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا نېفىت باھاسى 47 دىكى تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتسە ، ئالدىراپ ئۆسۈشكە ئالمايمىز دېگەن ئىدۇق ، نېفىت باھاسى 47 دىكى تىرەش نۇقتىسىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىدى ، ئەگەردە قولىمىزدا 47 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىۋالغان مال بار بولسا ، نۆۋەتتە باھا 48.4 ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ ، ھازىرقى باھالاردا ئۆسۈش مېلىمىزنى چىقىرىپ تۇرۇپ ، بۈگۈن يوللانغان تەھلىل بۇيىچە سودا قىلساق بولىدۇ . ئومۇمەن تۈنۈگۈن سودا تەھلىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى .
2.بۈگۈن سودا قىلغاندا نېفىتنى تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز .قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
47.8

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.