2017-يىلى 3-ئاينىىڭ23-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-03-23 11:14:07

\

ئاساسىي ئانالىز
پەيشەنبە (3-ئاينىڭ23-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈشنى باھاسى 17.55 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. چارشەنبە (3-ئاينىڭ22-كۈنى) مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ باجنى كېمەيتىشنى ئېلگىرى سۈرۈش ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىن ئەنسىرگەنلىكتىن، دوللار بېسىمغا ئوچراپ پاي چىكى بازىرى تۆۋەنلەپ كەتتى، شۇ سەۋەپتىن شۇ كۈنىدىكى كۈمۈشنىڭ باھاسى ئېككى ھەپتىلىك يۇقىرى باھا 17.60 دوللار ھالىتىنى ساقلىدى. پەيشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دېققىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېن سۆزى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئوباما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئالماشتۇرۇش لايىھىسىنى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈش - يۈرگۈزمەسلىكى، ئەگەر تەستىقتىن ئۆتمەي قالسا، بۇ ۋەدە باج كېمەيتىش ۋە نازارەتنى بوشاشتۇرۇپ قويىدىغان پىلان قارشىلىققا ئۇچىرىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق.


مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.چارشەنبە كۈنى كۈمۈشنىڭ باھاسى 17.59-17.44 ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۆنۈگۈن ئەتىگەنلىك تەھلىلدە بىز كۈمۈشنى 17.35 دىكى باھالارغا دىققەت قىلىپ، مۇشۇ باھادىن چۈشۈپ كىتەلمىسە ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، كۈندۈزدىكى بازاردا كۈمۈشنىڭ باھاسى 17.48 دوللار ئەتراپىدا بۇلۇپ، مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە كەچ تەرەپتە كۈمۈشنى 17.40-17.42 دىكى باھالارغا پۇرسەت بەرسە ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17.60-17.55 گىچە كۆرسەك بولىدۇ، دېگەن ئىدۇق، كەچلىك بازاردىمۇ كۈمۈشنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 17.54 ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز تۈنۈگۈنكى بازاردا بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق.

2.بۈگۈن كۈمۈشنى چۈشكەندىن كىيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز ؛ تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.


ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10303.74
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 17.35-17.40

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.