2017-يىلى 3-ئاينىڭ23-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-03-23 10:51:39

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە (3- ئاينىڭ 23-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ، 1245 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. چارشەنبە( 3-ئاينىڭ22-كۈنى) مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغىرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئىككىلەنگەنلىكىدىن، دوللار ۋە پاي چېكى بازىرى تۆۋەنلەپ، ئالتۇن باھاسى ئۇدا 6 سودا كۈنى ئۆرلىدى ھەمدە ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1251.35 دوللارغا چىققان. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېننىڭ سۆزى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئوباما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئالماشتۇرۇش لايىھىسىنى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈش-يۈرگۈزمەسلىكى، ئەگەر تەستىقتىن ئۆتمەي قالسا، بۇ لەۋزە قىلغان باج كېمەيتىش ۋە نازارەتنى بوشاشتۇرۇپ قويىدىغان پىلان قارشىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋال ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى1244.04-1251.42 دوللار ئارلىقىدا بولدى. بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە 1240 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق،لېكىن بۇ باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى. كەچقۇرۇن 1245-1243 دوللار ئەتراپىغا چۈشكەندە ئۈسۈشكە ئالىمىز دېدۇق،بۇ باھالارغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى.

2. بۈگۈن ئاسىيا سودابازىرىدا بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز،تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1242،1243دوللار
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.