OPEC نىڭ كىلىشىمى كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

gulbostan 2017-03-22 19:12:27

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: گاۋشىڭ گوروھىنىڭ تەھلىلچىسى Michele Della Vigna نىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى دوكىلاتىدا ئېتىشىچە، OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىشى كەلگۈسى 35 كۈندىن 45 كۈنگىچە مىكسىكا دېڭىز قولتۇقىنىڭ نېفىت تەمىناتىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بىراق يەنە ئامېرىكا سىلانتس مېيى سودىگەرلىرىنىڭ كېرىدىت بازىرىدىكى پۇل-مۇئامىلە كۆلىمىنى ئاشۇرىدىكەن. 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان كاپىتال چىقىمىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ئۈنۈمى 2018-يىلىغا سۈرۈلىدىكەن.
گاۋشىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى سىلانتىس مېيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى قوزغاتقان بولۇپ، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك يېڭى نېفىتلىكلەرنىڭ فونتان قۇدۇق ھادىسىسى يۈز بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنەOPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنىڭ 2018-يىلى يۇقىرى رىكورتنى يارىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئامېرىكا سىلانتىس مېيى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ قايتىدىن ئۆرلىشى OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىگە نىسبەتەن چوڭ بىر تەھدىت بولۇپ، ئەگەر ئۆرلەش سۈرئىتى ئاشسا، ئۇ ھالدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ بازارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى كونتىرول قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن، ھەتتا نېفىت ئىشلەپچىقىرىىشنى كېمەيتىش ھەركىتىگە قاتناشقان ھەرقاسى دۆلەتلەردىكى ئىگىز-پەسلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.