ھىندىستاننىڭ 2-ئايدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازايدى

gulbostan 2017-03-22 18:29:51

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى Petroleum Planning & Analysis Cell نىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلشىچە، ھىندىستاننىڭ بۇ يىل 2-ئايدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەپ 2 مىليۇن 800 مىڭ باكقا چۈشكەن، چۈشۈش دائىرىسى %3.4 بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەبىئىي گاز ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %2 چۈشۈپ، 2 مىليارد 520 مىليۇن كۇپ مېتىر بولغان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليۇن 400 مىڭ باكقا چۈشكەن، بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە 1 مىليۇن 500 مىڭ باك بولغان؛ لىكىن تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆپىيىپ، 1 مىليارد 770 مىليۇن كۇپ مېتىرغا يەتكەن، بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە 1 مىليارد 730 مىليۇن كۇپ مېتىر بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىندىستاندىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ خام نېفىت بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 چۈشكەن بولۇپ، 19 مىليۇن 100 مىڭ باك بولغان؛ ھىندىستان نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش مىقدارى 530 توننا بولغان، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشقان؛ ھىندىستاننىڭ 2-ئايدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىكىسپورت مىقدارى %18 ئۆرلەپ، 2 مىليارد 130 مىليۇن كۇپ مېتىرغا يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.