نېفىت قىسقا سىزىقىنىڭ مەشغۇلات تاكتىكىسى

parida 2019-02-28 17:02:20

\

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن مۇددەتتىن بۇرۇن خانوي باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ ، قوشما بايانات تېخى ئاشكارلانمىغان.
بىلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن بىلەن بولغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۇيۇقسىز قىسقارتىلىشى، چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار سۆھبىتىنى خەتىرىگە ئېلىپ كىرسە، ترامپ بىلەن كىم جۇڭئېن باشلىقلار يىغىنىدا كېلىشىم ھاسىل قىلمايدىكەن.
ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇ خەۋەر بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى جاللاندۇرۋېتىشى ، ھەمدە ئالتۇندا تەۋرىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىشى مۇمكىن ئىكەن.
Dailyfxمۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئامېرىكا نېفىتىنىڭ باھاسى 55.00ئامېرىكا دوللاردىن ئۆرلەپ 57.00 ئامېرىكا دوللارنىڭ ئۈستىگە قايتىپ كەلسە، مال ئازايتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
Dailyfxنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەشغۇلات تاكتىكىسى تۉۋەنىكىچە: 57.50-80ئامېرىكا دوللىرىغىچە كۆزىتىشنى ئاساس قىلىپ، مالنى ئازايتىشنى تەۋسىيە قىلغان، زىياننى 58.00ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۈستىدە، نىشاننى 55.80-56.00ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئەگەر نېفىت باھاسى 56.00ئامېرىكا دوللىرىنى مۇقىم ساقلىيالىسا ئۇنداقتا يەنە بىر قېتىم ئۆسۈشكە سودا قىلىش ئۈچۈن بازارغا كىرشىكە بولدىكەن. ئەگەر بۇ نۇقتىنى ساقلىيالىمىسا ئۆسۈشكە سودا قىلىشتىن ۋاز كېچىش كېرەك ئىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.