تىرامپىنىڭ تەنقىدى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنى تەۋرىتەلمىدى

xayida 2019-02-28 16:53:35

\

چارشەنبە كۈنى خەلىقئارا قەرەللىك نېفىت باھاسى كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا يۇقرىغا ئۆرلەشىنى ئاساس قىلدى، ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسىدا %3يۇقىرىغا ئۆرلەش بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىدا %2يۇقىرىغا ئۆرلەش بولدى. چۈنكى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت زاپاس مىقدارى ئويلىمىغان يەردىن تۆۋەنلەپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ھەرىكىتى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپىنىڭ بېسىمنىڭ تەسىرىگە قىلچە ئۇچرىمىغان ئىدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 57.39 دوللار/ باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 66.88 دوللار/ باك بولدى .

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېنېرگىيە مىنىستىرى فارلى:” نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر (OPEC) تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپىنىڭ تەنقىدىگە نىسپەتەن بەك چوڭ بېسىم ھېس قىلمىدى، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپىنىڭ تەنقىدى سەۋەبلىك بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كۈنلۈك باھا تەۋرىنىش ھاسىل بولدى“ دەپ كۆرسەتتى.

(OPEC) تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر يۈرگۈزگەن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ھەركىتىنىڭ تەسىرىدە خەلىقئارا نېفىت باھاسى بۇ يىل كىرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە 25% لىك تەۋرىنىش ھاسىل قىلدى.

گېرمانىيە سودا بانكىسى تەھلىلچىسى: تىرامپنىڭ نېفىت باھاسىغا نىسبەتەن تەنقىد قىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولسا، ئامېرىكىدىكى بېنزىننىڭ سېتىلىش باھاسى ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە 16% ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن بولغان دەپ قارىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى (EIA) چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا : ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقداردا ئويلىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەش يۈز بەردى، بىراق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىلا يۇقىرى قىممەتنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، بىراق چەككىلەنگەن ماي ۋە بېنزىن زاپاس مىقدارىدا تۆۋەنلەش يۈز بەرگەن، بۇ ئەھۋالمۇ نېفىت باھاسىغا نىسبەتەن تىرەش ئېلىپ كەلدى دەپ كۆرسەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.