يۇپۇرغا ناھىيەسىدە سودىگەر چاقىرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

parida 2019-02-28 16:18:32

\

تىيانشان تورى خەۋىرى:2 - ئاينىڭ 23 -كۈنى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن جياڭسۇ نەنتۇڭ شىنما خەلىقئارا سودا شىركىتى قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلار سودىگەر چاقىرىش تۈرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
سۆھبەت جەريانىدا، مەزكۇر ناھىيەنىڭ رەھبەرلىرى جياڭسۇ كارخانىچىلارغا يۇپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ، شەھەرلەردە، باغچىلاشقان سانائەت رايونى، ئەشيا ئوبوروت رايونى قۇرۇلۇشى، جۇغراپىيىلىك رايونلار، قاتناش ئەۋزەللىكى ۋە يوپۇرغا ناھىيەسسىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئېتىبار سىياسەتلەر، تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە بوشلۇق قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋال توغرىىسدا تەپسىلىي سۆھبەتلەشتى. كارخانىچىلار كارخانىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ، كارخانىنىڭ خاراكتېرىنى ، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تەھلىل قىلدى ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەبلەغ سېلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇپ، يۇپۇرغا ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغانلىق توغرىسىدا ئىپادىسىنى بىلدۈردى.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىنى قوللاش ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلىشىگە، بولۇپمۇ شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىگە ئەگىشىپ، دېڭىز رايونلاردىكى كاخانىلار قەشقەرگە مەبلەغ سېلىپ ،دەسلەپكى قەدەمدە كېيىم كېچەك، قورۇلۇش ماتىرياللىرى ۋە يېنىك قاتارلىق كەسىپلەر شەكىللەندى، بۇ قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.