ئالتۇن باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى قايسىلار؟

ilkan_atigul 2019-02-28 17:02:07

\

پەيشەنبە( 2-ئاينىڭ28-كۈنى ) ياۋرۇپا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن قايتا 1320 ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى ھەمدە يەنىمۇ ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نېفىت باھاسى ئازراق چۈشكەن، سەۋەبى بازار خەۋپ - خەتەر كەيپىياتى مەلۇم دەرىجىدە بېسىمغا ئۇچرىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 28-چېسلا ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، چاۋشيەن - ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ھېچقانداق ھۆججەت ئىمزالىمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن چاۋشيەن رەھبىرى كىم جۇڭئىن، 2019-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا ئىنتايىن ياخشى باي ئىجابىي بولغان ئۇچرىشىش قىلدى، ئۇچرىشىشتا يادروسىزلاشتۇرۇش ھەم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىلا تەرەپ كەلگۈسىدە قايتا ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلدى.

بۈگۈن ئىچىدىكى ئالتۇن يۈزلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، dailyfxئانالىزچىسى ماقالىسىدە قىسقىچە تەھلىل قىلىش ئىلىپ بارغان، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

كۈندىلىك گرافىك تۆۋەن يۈزلىنىش سىزىقى ئاستىدا يېپىلسا، ئالتۇن باھاسىنىڭ كىيىنكى تىرەش نۇقتىسى 1294.10بولغان تىرەشكە ئۇچرايدۇ، بۇ تىرەش نۇقتىسىنى بۇزۇۋېتىپ قالسا بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك چېكىنىش يۈزلىنىشىنىڭ قايتا قوزغىلىشىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

يۇقىرىغا ئۆرلەش جەھەتتە، دەسلەپكى تۇسالغۇ نۇقتىسى1346.75دوللار، بۇ 2-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا، ئەگەر بۇ تۇسالغۇ نۇقتىنى بۇزۇپ تاشلىسا داۋاملىق ئۆرلەپ 1357.50-1366.06تۇسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.