نېمىشقا ئۈچ يۈەنلىك پۇل يوق؟

parida 2019-02-28 17:34:29

\

ئويلاپ باقىدىغان بولسا قەدىمدىن ھازىرغىچە پۇلنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن مىقدار بىرلىكى 1، 2، 5،10 دېگەن تۆت سان. ئادەتتە بىر دۆلەت پۇلنىڭ مىقدار قىممىتىنى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئەڭ چوڭ قىممەتتىكى پۇلنى قالغان پۇل قىممىتىگە بۆلگەندە پۈتۈن سان چىقىشنى ئاساس قىلىدۇ.
شۇڭا ئەمەلىيەتتە 3دېگەن بۇ سان پۇلنىڭ مىقدار بىرلكىدە ئانچە مۇھىم ئەمەس.
1دىن 10 غىچە بولغان سانلار ئىچىدە مۇھىم ھەم مۇھىم ئەمەسلىرى بار.
1،2،5،10 نەق مۇھىم سانلار. بۇ بىر قانچە ساننى قوشۇش ئېلىش ئارقىلىق 10 ئىچىدىكى باشقا سانلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن : 1+2=3,2+2=4,1+5=6,2+5=7,10-2=8,
10-1=9
بىر يۈەنلىك، ئىككى يۈەنلىك پۇللار بىلەن ئۈچ يۈەن ھەم باشقا قىممەتتىكى پۇللارنى غەملىگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۈچ يۈەنگە بولغان ئېھتىياج چوڭ بولمايدۇ.
تارىخقا قارايدىغان بولساق ئېلىمىزدە 1955-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 3 يۈەنلىك پۇل تارقىتىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئېلىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش فاڭجېنىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 3 روبلىسى بار ئىدى. شۇڭا ئېلىمىزمۇ بۇ قىممەتتىكى پۇلنى ئۈلگە ئېلىپ قوللانغان. بۇ پۇل بازاردا توققۇز يىل ئوبوروت بولۇنغاندىن كېيىن ، ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلغان ھەمدە دۆلەت تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان. شۇڭا بۇنداق 3 يۈەنلىك پۇلنىڭ خەلق ئارىسىدىكى سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى يېغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.