روسىيە دانلىق زىرائەت زاپاس مىقدارى ئاشتى

karima 2017-02-08 15:30:51

\


تەھلىل قىلىش ئاپاراتى UkrAgroConsult نىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا، روسىيە سىتاتىستىكا سانلىق ئۇچۇرىغا ئاساسەن، 2017-يىل 1-ئاينىڭ1-كۈنىگىچە ، روسىيە دېھقانچىلىق مەيدانى ، سېتىۋېلىش كارخانىلېرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلېرىنىڭ دانلىق زىرائەت زاپاس ئومۇمىي مىقدارى 39130000 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشتى.

سېتىۋېلىش كارخانىلېرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلېرىنىڭ بۇغداي زاپاس مىقدارى 11630000 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي ئۇنى زاپاس مىقدارى 8110000 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشقان. ئارپا زاپاس مىقدارى 1776000 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان. قارا بۇغداي زاپاس مىقدارى %7.9 ئېشىپ، 541000توننىغا يەتكەن. تېرىق زاپاس مىقدارى 35000 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69.9 ئاشقان.

كۆممىقۇناق زاپاس مىقدارى 1780000 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 كېمەيگەن. گۈرۈچ ۋە سۇلۇ زاپاس مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 47000 توننا ۋە 143000 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %66.8 ۋە %18 كېمەيگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.