نېفىت باھاسى چۈشۈش يۆلىنىشىنى ئاساس قىلدى

xayida 2017-02-08 13:27:16

\


FX168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى خەلىقئارا نېفىت باھاسى تۈنۈگۈن كەچتىكى چۈشۈش يۆلىنىشىنى داۋاملاشتۇردى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ ، تۆۋەنلەش پىرسەنتى %1دىن ئىشىپ كەتتى ، ئاساسلىق سەۋەبى ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ئاشتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلىدى . يەنە بەزى ئالامەتلەردىن كۆرۋىلىشقا بۇلىدۇكى ، ئامېرىكا سلانېتس مېيى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ قايتا ئىشىپ كېتىش ئالامەتلىرى روشەن ئىپادىلەنگەنلىكتىن ، نېفىت بازىرىنىڭ ئەندىشە قىلىش كەيپىياتى كۈچەيدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتىمۇ يەنىلا نېفىت باھاسىغا چۈشۈش بېسىمى ئىلىپ كەلدى ، بىراق ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىدە ئىپادىسىنى ياخشى قىلغانلىقتىن ، نېفىت باھاسىنى بەلگىلىك تىرەش بىلەن تەمىنلىدى .چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى %1.23تۆۋەنلەپ ، 51.53دوللار/باك بولدى ، ئالدىنقى سودا كۈنى%1.25تۆۋەنلىدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.94تۆۋەنلەپ ،54.54دوللار/باك بولدى ، ئالدىنقى سودا كۈنى %0.94تۆۋەنلىدى .

API ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2-ئاينىڭ 3-كۈنى شۇ ھەپتە ، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 1420مىڭ باك ئىشىپ ،5.036يۈز مىليون باك بولدى ، بازار ئانالىزچىسى ئالدىن مۆلچەرىدىن 250مىڭ باك ئاشتى . ئالدىنقى ھەپتە بېنزىن زاپاس مىقدارى 290مىڭ باك ئىشىپ ، تەكشۇرۇلۈشچە بازار ئانالىزچىسى ئالدىن مۆلچەرىدىن 110مىڭ باك ئىشىپ كەتكەن .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.