دوللارنىڭ قايتىدىن ئۆرلىشىگە پايدىلىق بولغان ئىككى چوڭ ئىش ۋەقە

rabigul 2017-02-08 16:13:43

\

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ ھۆكۈمىتى" زەربە بەرگەن" پېرېۋوت نىسبىتى، يېقىنقى مەزگىللەردە دوللارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىنى پەيدا قىلدى. لېكىن ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۈچلۈك بولىشى، ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش توغرىسىدا قىلغان سۆزى دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تىرەش كۈچى بولدى، ئالتە ھەپتىدىن كېيىن، دوللار چوڭ پارتلاشنى كۈتۈۋالدى؛

2-ئاينىڭ 7-كۈنى ياۋروپا بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلەپ، بىر كۈن ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىسى 100.67 ئەتىراپىغا چىقتى، بۇ 1-ئاينىڭ 30-كۈندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە؛ ئەمما ياۋرو ۋە فوند ستېرلىڭ چۈشۈپ كەتتى.

بۈگۈن دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە نىسبەتەن، بازاردىكى كىشلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەندىن كېيىن" قايتىدىن ئۆرلەش" ئارزۇسى كۈچلۈك. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتنىڭ كۈچلۈك بولىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ نۇتۇق سۆزىمۇ دوللارنىڭ قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان.

شىڭجەن بانكىسى دۈشەنبە كۈندىكى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئەگەر دوللار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن ئۆرلەش ۋەزىيىتىگە قايتسا، بازار كېيىنكى قېتىم ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.

بۇ ھەپتە، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى بۇ يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق FOMC يىغىنى ۋە پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارىنىڭ نۇتۇق سۆزى بولۇپ، بۇ نۇتۇق ئىچىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار بازار پۇل سىياسىتى ھەرىكىتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىتا قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش بارماسلىقىنى ئىزدىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى ئىككى چوڭ پايدىلىق ئەھۋالدىن باشقا، مورگان داتۇڭ مۈلۈك باشقۇرۇش ئاسىيا باش تاكتىكچىسى Tai Hui مۇنۇلارنى بىلدۈردى، تىرامىپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىياسىتىنى ساقلايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ سىياسىتى ئاساسىي جەھەتتىن دوللارنى قوللايدۇ.

دوللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ياۋرو ۋە فوند ستېرلىڭ چۈشۈپ كەتتى. ياۋرو \ دوللار ئەڭ تۆۋەن پېرېۋوت باھاسى 1.07 دىكى ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتتى، فوندستېرلىڭ / دوللار پېرېۋوت باھاسى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشتى.

دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىدىن سىرت، فرانسىيە سىياسىي ۋەزىيىتى ئەندىشىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى، شۇنداقلا باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام خەۋپ-خەتىرىنىڭ كەسكىنلىشىشى سەۋەبىدىنمۇ، ياۋرو تۆكمە قىلىپ سېتىلىشقا ئۇچرىدى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ, ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.