مەھسۇلاتنى كېمەيتىش مۇددىتىدە يەنە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن

gulbostan 2017-05-25 12:52:39

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: تاراتقۇلارنىڭ چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 24-كۈنى)دىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە غەيرىي نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12 ئاي ئۇزارتىلىدىغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن يەرشارىدىكى خام نېفىت زاپسى مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ھەمدە ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

نۆۋەتتە، بازاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توققۇز ئاي ئۇزارتىلىدۇ دەپ قارالماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىتتىپاقدىشى كۇۋەيتنىڭ تۆنۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) مەھسۇلاتنى كېمەيتىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن، بۇ خام نېفىت باھاسىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.