خام نېفىت بازىرى كۈتۈلمىگەن نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن

gulbostan 2017-05-25 12:27:00

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋىينادا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمى ئۇزارتىلىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، بازارمۇ ئاللىبۇرۇن مۇشۇخىل قاراشتا ئىدى. ئەمما Goldman Sachs نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېفىت ئىشلەچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) مەھسۇلاتنى كېمەيتىش نىسبىتىنى پەۋقۇلئاددە چوڭايتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولۇدۇكى، مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ يىغىن نەتىجىسىنىڭ كۈتۈلمىگەن نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئېتىيات قىلغىنى تۈزۈك. خام نېفىت بازىرىدىن باشقا، تاشقى پېرېۋوت بازىرىمۇ ئوخشاشلا (OPEC) تەشكىلاتىنىڭ يىغىن نەتىجىسىگە، شۇنداقلا كانادا دوللىرى، نورۋېگىيە كروناسى قاتارلىق خام نېفىت بىلەن ئالاقىدار پۇللارنىڭ تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.