ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ 5- ئايلىق يىغىندا نېمىلەر سۆزلەنگەن؟

zumrat 2017-05-25 13:45:18

\

Kitco نىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ سودا مەسئۇلىPeter Hugمۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى6 - ئايدا پۇل سىياسىتى يىغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا بازارنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن، ئۇ بەلكىم ئۆسۈم قوشۇشنى مۆلچەرلىمەسلىكى مۇمكىن،ئەكىسچە، ئالتۇن باھاسىنى زور كۈچ بىلەن تەۋرىتىشى مۇمكىن. Hug Kitco News نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « نۇرغۇن ئانالىزچىلار 6 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولدى دەپ قارايدۇ، بىراق مەن بۇنداق قارىمايمەن. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئۆي سېتىلىش ئەھۋالى بىلەن ماشىنا سېتىلىش سانلىق ئۇچۇرى تازا ياخشى ئەمەس ،بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنى ئىككىلەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ تىرامپ ھۆكۈمىتى بىلەن FBI تەكشۈرۈپ ئارىسىدىكى مەسىلە تېخى ئاخىرلاشمىدى.» ھازىر بۇ قاراش بىلەن بازارنىڭ ئورتاق تونۇشى زىت ھالەتتە تۇرماقتا، بازار كۆزلىمىسىدىكى ئۆسۈم قوشۇش 6-ئاينىڭ 14 - كۈنى . چىكاگو سودا بېرژىسى گۇرۇھى ( Group ) فېدېراتسىيە كۆزىتىش قورالىFedWatch دا كۆرسىتىلىشىچە بازار كۆزلىمىسىنىنىڭ 6 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى% 78.5 بولغان. Hug يەنە مۇنۇلارنى دېگەن:«ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇش جەريانىدا بازاردا كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. ئۆسۈم قوشۇش بەلكىم ئالتۇن ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق چىقىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئالتۇن ئۆسۈپ، دوللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ يەنە:« بۇ ئامىللار باھاغا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىشىى مۇمكىن »دېدى. ئالتۇن باھاسى 1265 دوللاردىكى توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتسىلا 1300 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن.ئالتۇن باھاسى (6- ئاينىڭ 25-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1257 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 5- ئايلىق مۇھىم يىغىن مەزمۇنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلار بىر پەسىل ئىچىدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى بەك ئاستا بولدى، بۇ ئەمدى چوقۇم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ دەپ قارىغان. «ئەگەر شۇنداق بولسا ئۆسۈم قوشۇش تېزلىشىشى مۇمكىن دېگەن.» يىغىندا مۇنۇلار دېيىلگەن« ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرى ئەگەر بۇ سىياسەت ياخشىلانسا ئۆسۈم قوشۇشقا ماسلىشىشى مۇمكىن. بىراق ئۇلار ئۆسۈم قوشۇشتىن بۇرۇن ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك.»

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


\


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.