كۆممىقوناق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش بازىرى كاساتلاشتى

gulbostan 2017-05-25 15:19:51

\

كۆممىقوناق تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئارىسدىكى زىدىيەت پەسىيىپ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش بازىرى كاساتلاشتى.

شەرقىي شىمال رايونىدا: 5-ئاينىڭ 23~22-كۈنلىرى خۇەيخې ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىمىدا ئوتتۇراھال ياكى قارا يامغۇر يېغىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئاساسلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى ياخشىلىدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە نەملىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۆممىقوناق مايسىسىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولدى.

خۇابېي رايونىدا: يېقىندا شەرقىي شىمال رايونىدىكى كىم ئارتۇق بازىرىدا كونا ئاشلىق مال بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، خۇابېي رايونىدىكى ئاشلىق ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ كۆممىقوناق سېتىۋىلىش باھاسىدا ئازراق تەۋرىنىش بولدى. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، خۇابېي رايونىدىكى ئاشلىق باھاسى تەۋرىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، باھانىڭ ئۆسۈش ياكى چۈشۈش بوشلۇقى يەنىلا چەكلىك.

جەنۇبتىكى سېتىش رايونىدا: كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئاشلىق باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ شەرقىي شىمال ئاشلىق مال سېتىش رايونىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش مىقدارى پەيدىنپەي كۆپەيدى. يېقىنقى نەچچە كۈندىن بېرى مال سېتىش رايونىدا كۆممىقوناق باھاسى كۆپ قېتىم چۈشتى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، گەرچە قىسمەن ئەلا سورتلۇق كۆممىقوناق ئېھتىياجى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما يېڭى ۋە كونا ئاشلىقنىڭ باھا پەرقىنى كۆزدە تۇتقاندا، كۆممىقوناق باھاسىنىڭ داۋاملىق ئاشلىق كىم ئارتۇق بازىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇندىن باشقا، ئىمپورت قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە، ئىمپورت قىلىنىغان كۆممىقوناقنىڭ باجلىتىش تەننەرخى دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان كۆممىقوناق سېتىش رايونىنىڭ سېتىش باھاسىدىن تۆۋەن بولدى.

جەنۇب ۋە شىمالدىكى پورت ئېغىزىدا: پورتقا كىرىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى باھانىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ ھەپتە ۋاقىتلىق زاپاس ئاشلىق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ تۆتىنچى ھەپتىسى بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ ھەپتىدە ۋاقىتلىق زاپاس ئاشلىق يۇقىرى پايدا يۇقىرى باھادا پۈتۈشۈش سەۋەبلىك بازار كەيپىياتى سەزگۈرلىشىپ، بۇ ھەپتىدىكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پۈتۈشۈش باھاسى ۋە پۈتۈشۈش مىقدارى كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولدى. بۇندىن ئىلگىرى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق پۈتۈشكەن ئاشلىق مەنبەسى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا كىرگەچكە، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بازاردىكى باسقۇچلۇق تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەت بارا-بارا پەسەيدى، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يۇقىرى پايدا يۇقىرى باھادا پۈتۈشۈشنىڭ داۋاملىشىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى، شۇڭا، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.