كېيىنكى يېرىم يىلدا نېفىت ئىشلەپچىقرىش مىقدارىنى ئاشۇرىشى مۇمكىن OPEC

gulbostan 2017-02-24 17:09:00

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: فىرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسى (Societe Generale) نىڭ تەھلىلچىسى Michael Wittner نىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، 2017-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ كۈنىگە 500 مىڭدىن 1 مىليۇن باكقىچە نېفىت ئىشلەپچىقرىىشنى ئاشۇرىشى مۇمكىن ئىكەن.
فىرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ئايدا OPEC كۈنىگە 1 مىليۇن باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتكەن بولۇپ، كۈنىگە 700 مىڭ باك كېمەيتىشتەك مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە 2017-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يېرىم يىلدىگە سېلىشتۇرغاندا كۈنىگە 1 مىليۇن 500 مىڭ باك ئۆرلىگەن.
رىتىر ئاگىنتلىقىنىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر يەر شارى نېفىت زاپىسى كۆزلىگەن سەۋىيەگە يەتمىسە، ئۇ ھالدا COPE ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشى، ياكى 7-ئايدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش سالمىقىنى يەڭگىللىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

فىرانسىيە گۈللەندۈرۈش بانكىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، COPE نىڭ ئىشلەپچىقرىشنى كېمەيتىشى نېفىت زاپىسىنى چوڭ دائىرىدە كېمەيتىدىكەن ھەمدە نېفىت بازىرىدا باھانى ئۆرلىتىۋىتىش ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ بانكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەر شارى نېفىت زاپىسى 1-پەسىلدە كۈنىگە 800 مىڭ باك نېفىت كېمەيتىدىكەن، 2-پەسىلدە كۈنىگە 600 مىڭ باك نېفىت مىقدارىنى كېمەيتىدىكەن، 3-پەسىلدە كۈنىگە 500 مىڭ باك، 4-پەسىلدە كۈنىگە 400 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىدىكەن. 2017-يىلى يەر شارى نېفىت زاپىسى 3 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى چۈشۈش ۋەزىيىتىگە دۇچار بولىدىكەن.

Wittner دوكىلاتتا:« OPEC بەك كۆپ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشنى، نېفىت باھاسىنى بەك تېز ئۆرلىتىۋىتىشنى خالىمايدۇ، بۇ ئامېرىكا سىلانتىش مېيى بىلەن تەمىنلەشنىڭ كۈچىيىشىنىڭ مۆلچەرلەنگەن خەتەردىن تېز بولىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ» دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.