نېفىت باھا يۆلىنىشىگە قىزىقامسىز

xayida 2017-02-24 16:37:49

\

FX168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى(EIA) پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ،ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن بەكلا تۆۋەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى تۆۋەنلەش نىسبىتى چوڭ مۆلچەرلەنگەن.
EIAدوكلاتىدا ،2-ئاينىڭ17-كۈنى شۇ ھەپتە ، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 56.4مىڭ باك ئېشىپ ،5.187يۈز مىڭ باك بولدى ،ھەمدە ئېشىش نىسبىتى % 0.1 بولۇپ ، ئۇدا 7ھەپتە ئېشىپ ، يەنە بىر قېتىم يىڭى يۇقىرى رېكورىت ياراتتى ، بىراق ئېشىش نىسبىتى بازار ئالدىن مۆلچەرىدىكى 347.5مىڭ باكتىن خېلىلا تۆۋەن .
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPECتەشكىلات بۇلتۇر ھاسىل قىلغان نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمى نېفىت باھاسىغا كۈچلۈك تىرەش ئېلىپ كەلدى ، لېكىن ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى تۆۋەنلەش يۆلىنىشىنى ۋاقتىنچە ئاخىرلاشتۇرۇپ ، كەينىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆرلەپ ،بۇلتۇر8-9ئايلاردىكى يۇقىرى ئورۇنغا چىققانلىقتىن ، مەبلەغ سالغۇچىلار نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ ،OPECتەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ پايدىلىق تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلدى .
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.