كانادا 48 مىڭ 300 خىزمەت ئورنىنى كۆپەيتىدۇ

gulbostan 2017-02-24 17:14:47

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: كانادا سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى بىلدۈرىشىچە، قوشۇمچى كەسىپ ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى تارماقلاردىكى خىزمەت ئورنىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن، ئالدىنقى ئايدا دۆلەتلىك ئەمگەك كۈچى بازىرىدا كۈتۈلمىگەندە 48 مىڭ 300 خىزمەت ئورنى كۆپەيگەن.
بۇ ئاپپاراتنىڭ 1-ئايدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىچە، قوشۇمچە كەسىپ خىزمەت ئورنىدىن 32 مىڭ 400 كۆپەيگەن، پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتلەر كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ، 15 مىڭ 800 گە يەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە دوكىلاتتا بايقىلىشىچە، خۇسۇسىيلار ئىگىدارلىقىدىكى تارماقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى 12-ئايدىن 1-ئايغىچە 32 مىڭ 400 قېتىم ئاشقان، ئاممىۋىي تارماقلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى 0770 قېتىم ئاشقان، بۇ بىر قېتىملىق ئېشىش ئالدىنقى ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %6.9 تىن %6.8 كە چۈشۈرگەن.
مۇلازىمەت كەسپى كۆپ قىسىم ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ياراتقان بولۇپ، بۇ ساھەدە 42 مىڭ 600 ئىش ئورنى ئاشقان، بۇلانىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي جەھەتتىن پۇل-مۇئامىلە، سۇغۇرتا، ئۆي-مۈلۈك، سودا باشقۇرۇش، تىرانسىپورت ۋە ئامبار باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر ئىكەن.
12-ئايلىق ئومۇمىي ئەمگەك كۈچىنى ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 53 مىڭ 700 ئىش ئورنى كۆپەيگەن. ئالدىنقى بىر ئايغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كانادادا جەمئىي 276 مىڭ 100 يېڭى ئىش ئورنى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 86 مىڭ 200 پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت ۋە 189 مىڭ 900 قوشۇمچە خىزمەت ئىكەن.
كانادا سىتاتىستىكا تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ئايدا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %12.6 تىن %13.3 كە كۆتۈرۈلگەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.