بېنزىن زاپىسىنىڭ چۈشىشى ئامېرىكا بازىرىنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىنى ئىپادىلىدى

gulbostan 2017-02-10 13:02:56

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارالىق نېفىت باھاسى 9-فېۋرال بازاردا ئۆرلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا بېنزىن زاپىسىنىڭ كۈتۈلمىگەندە كېمىيىپ كېتىشى بازار ئېھتىياجىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، بىراق دوللارنىڭ ئۆسىشى، نېفىت زاپىسىنىڭ ئېشىشىمۇ نېفىت باھاسىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋەتكەن. ئامېرىكا WTI نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى بازاردىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 53.21 دوللار بولغان، بىرۇنت نېفىتى قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى بازاردا ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 55.93 دوللار بولغان.
ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى (EIA) نىڭ تۈنۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە بولغان ئامېرىكا بېنزىن زاپىسى تاساددىپىي 869 مىڭ باك كېمىيىپ كەتكەن بولۇپ، 256 مىليۇن 200 مىڭ باكقا چۈشۈپ قالغان، بۇ 6 ھەپتىدىن بېرى تۇنجى قېتىم چۈشىشى بولغان. لىكىن تەھلىلچى بۇ زاپىنىى 1 مىليۇن 100 مىڭ باك ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن.
بېنزىن زاپىسىنىڭ 6 ھەپتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق چۈشىشى يېقىلغۇ مېيى ئىستىمالىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بازارغا كۆڭۈلدىكىدەك تىرەك بولغان.
PVM Oil Associates نىڭ تەھلىلچىسى Tamas Varga نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بېنزىن زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە نېفىت باھاسىغا تىرەك بولىدىكەن، بۇ ئامېرىكىدىكى ئېھتىياجنىڭ يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈكلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىكەن.
ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى گاۋشىڭ گوروھى (Goldman Sachs) نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا خام نېفتى زاپىسىنىڭ ئۆرلەپ چۈشمەسلىكى بازارنىڭ يەنە بىر مەزگىل تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولۇشتەك ۋەزىيەت ئىچىدە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، لىكىن بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.