قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ

zumrat 2017-02-10 12:52:49

\

ئالدىنقى يىلى چوڭ سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مېتاللارنىڭ سودىسىنى قىلغۇچىلار ۋە ئانالىزچىلارنىڭ پەرىزىدە، ئەگەر تىرامپ غەلبە قازانسا،ئالتۇن باھاسى ئۆسىدۇ دەپ قارىغان. بىراق «قىممەتلىك مېتاللارغا مەبلەغ سېلىش ئەخمەق قوللانمىسى» نىڭ ئاپتورى (Paul Mladjenovic) ئۇنداق دەپ ئويلىمىدى.Mladjenovicزىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى : ئۇ مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنىدا تىرامپ چوقۇم غەلىبە قىلىپ ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولىدۇ ۋە سودا تەرەققىي قىلىشى تېز بولىدۇ ، بۇ ئالتۇن سېتىۋالماسلىققا ياخشى سەۋەب، ھېچ بولمىغاندا قىسقا ۋاقىت شۇنداق بولىدۇ دېگەنگە ئىشىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ،ئالتۇن باھاسى چوڭ سايلام نەتىجىسىدىن كېيىن چۈشتى ھەمدە چۈشۈشنى داۋاملاشتۇردى.
بىراق،2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئالتۇن باھاسى ئۆرلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى، بۇ ئاساسلىقى مەبلەغ سالغۇچىلار تىرامپ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىنكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى ھېس قىلدى، ھازىرغا قەدەر ئالتۇن باھاسى 7% ئۆرلىدى.
تىرامپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى بىردىنبىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كۈتۈلمىگەن ھەرىكىتى ۋە نۇتۇقى بىر قاتار مەبلەغلەرگە مەسلەن:دوللار، پاي چېكى بازىرى ۋە زايوم قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسەتتى. ئەكىسچە بۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
MarketWatch نىڭ كۆرسەتمىسىدە قىممەتلىك مېتاللار باھاسى كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر سەۋەب ئالتۇن باھاسى يىل ئاخىرىدا 1300 دوللارغا ئۆرلەيدۇ. كۈمۈش باھاسىمۇ يىل ئاخىرىدا ماس ھالدا 25 دوللارغا ئۆرلەيدۇ، كۈمۈشنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق ئەھۋالى بولغانلىقتىن 2018-يىلى 40 دوللاردىن ئېشىپ كېتىشىدە ئۈمىد بار.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.