تىرامپ باجغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

gulbostan 2017-02-10 15:13:44

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پېڭبو خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ بىلدۈرىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە، ئۇ كونكېرت بولغان شىركەت بېجىنى ئۆزگەرتىش لاھىيەسىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۇنىڭ تەسىرىدە، 10-فېۋرال ئاسىيا بازىرىدا، ئالتۇن ئۇدا ئىككىنچى كۈنى چۈشكەن.
پېڭبونىڭ باھا ئۇقتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، ئالتۇن ئىلگرى بىر مەھەل 11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا بولغان 1244.80 دوللارلىق يۇقىرى باھاغا چىققان.
تىرامپنىڭ بىلدۈىشىچە، كەلگۈسى «بىر، ئىككى ھەپتىنىڭ ئىچىدە» چوڭ شىركەتلەرنىڭ بېجىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى لاھىيەسىنى ئېلان قىلىدىكەن، بىراق ئۇ بۇ پىلان لاھىيەسى توغرىسىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلار ھەققىدە توختالمىغان. بۇنىڭ تەسىرىدە، 9-فېۋرالدىكى ئۆلچەملىك پۇرنىڭ 500 لىك كۆرسەتكۈچى تارىخى رىكورتنى ياراتقان. بۈگۈن ئاسىيا پايچېكى بازىرىدا ئۆرلەش كۆرۈلگەن.
سىنگاپورغا جايلاشقان GoldSilver Central نىڭ مۇدىرىيەت باش دېرىكتورى Brian Lan نىڭ ئىلخەتتە:« مەيلى مەبلەغ سالغۇچىلار ياكى سودىگەرلەر بولسۇن ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىشنى ئويلايدىكەن. شۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنى ۋاقىتلىق ئالتۇننى سېتىپ چىقىرىدۇ، ئامېرىكا پايچىكى ۋە دوللارنى سېتىۋالىدۇ دەپ قارايمىز. لىكىن پۈتۈن يەر شارىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى يەنى گېرمانىيە، فىرانسىيەنىڭ يىقىندا ئۆتكۈزىدىغان چوڭ سايلىمى ۋە ياۋرۇپادىن چېكىنىش سۆھبىتىنى كۆزدە تۇتقاندا بىز يەنىلا ئالتۇننى ياخشى تىرەككە ئىگە بولىدۇ دەپ قارايمىز» دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.