OPEC نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كىلىشىمى داۋاملاشتۇرۇلىشى مۇمكىن

gulbostan 2017-02-10 16:08:40

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئىران ۋە قاتار نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىرى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى بىلدۈرىشىچە، OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كىلىشىمىنىڭ 6 ئايلىق مۇددىتى توشقاندىن كىيىنمۇ، OPEC نىڭ ئەزالىرى ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىشتە %100 چىڭ تۇرىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلگەن خام نېفىت ھەپتىلىك زاپىسىنىڭ ئېشىشى دائىرىسى 14 مىليۇن 227 مىڭ باك بولۇپ، 2-دەرىجىلىك يۇقىرى ئورۇنغا چىققان ،بۇ نېفىت بازىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا بولغان ئەندىشىنى ئاشۇرغان.
ئىران نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى Bijan Zanganeh نىڭ ۋىنسۇئىلا نېفىت مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بىلدۈرىشىچە، ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش تىرىشچانلىقىدا چىڭ تۇرۇش ياكى تۇرماسلىق يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن، لىكىن ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە «پىرىنسىپ جەھەتتە» بۇ تەشكىلات چوقۇم شۇنداق قىلىدىكەن. Zanganeh نىڭ ئېيتىشىچە، كۆپلىگەن دۆلەتلەر نېفىت باھاسىنىڭ ھەر باكىنىڭ 60 دوللارغا چىققانلىقىنى كۆرۈشنى خالايدىكەن، لىكىن بۇ سەۋىيەگە چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىكەن.
قاتارنىڭ نېفىت مىنىستىرى Mohammed Al Sada نىڭ دۇھادىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلددۈرىشىچە، نېفىت بازىرى بەلكىم 3-پەسىلدە ئەسلىگە كىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇ يەنە «ھازىر تەڭشەش ئېلىپ بېرىش تىخى بالدۇر» دېگەن.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ باشلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ دۆلەت نېفىت باھاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى ئىكەن، يەنە نېفىت باھاسى ھەر باكىنىڭ 45 دوللار بولۇپ، ئۇ مۆلچەر قىممىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
OPEC نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى كۈنىگە 32 مىليۇن 890 مىڭ باك بولغان بولۇپ، كىلىشىمدىكى نىشان 32 مىليۇن 500 مىڭ باك ئىكەن. بۇ كىلىشىمنىڭ %91 ئەمىلىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ %91 ئەزاسى كىلىشىمنى تىرىشىپ ئەمىلىيلەشتۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.