نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە ئۆرلىدى

gulbostan 2017-01-25 10:29:29

\


ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 24-يانۋار ياۋرۇپا بازىرىدا، ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى ئۆرلىگەن بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى بۇنىڭغا سەۋەبچى بولغان، بۇنىڭ بىلەن بىرگە OPECۋە باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش تەدبىرى بازارنى تىرىگەن.
1. ئامېرىكا دوللىرى 7 ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا ئەتراپىدىكى يۆنىلىشكە ئىنتىلگەن بولۇپ، بازار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سودا قورۇقچىلىقىدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرىگەن.
2. OPEC ۋە باشقا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىرى يەكشەنبە كۈنى ۋىنادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بىلدۈرىشىچە، ئۇلار 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈنىگە 1 مىليۇن 800 مىڭ باك نېفىت نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە كۈنىگە 1 مىليۇن 500 مىڭ باك كېمەيتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغان.
Bernstein Energy نىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇلتۇر 4-پەسىلدە يەرشارىدىكى بارلىق نېفىت زاپىسى ئالدىنقى بىر پەسىلدىكىگە قارىغاندا 24 مىليۇن ئازايغان بولۇپ، 5 مىليارد 700 مىڭ باك بولغان.
بۇ ئاپپاراتنىڭ ديىشىچە: «بۇ 2013-يىلى 4-پەسىلدىن كىيىنكى ئەڭ چوڭ چۈشۈش بولۇپ، نېفىت زاپىسى ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى بازار ھازىر تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشتىن تەمىنلەش قىس بولۇشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ».
ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە، ئىراقتىكى كۆپ ساندىكى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.
بىراق بازاردىكى زاتلارنىڭ قارشىچە، ئامېرىكىنىڭ نېفىت قېدىرىش ھەرىكىتىنىڭ ئېشىش مۇمكىنچىلىقى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى چەكلەپ قويىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئېنېرگىيە مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە كارخانىسى يېڭى بىر ھەپتىدە ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان قېدىرىش ماشىنىسى سانى يىقىنقى 4 يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ ئىكەن.

بېيجىڭ ۋاقتى 16:29 دا، برۇنت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %0.56 ئۆرلىگەن بولۇپ، ھەر باكىنىڭ باھاسى 55.67 دوللار بولغان؛ ئامېرىكا خام نېفىت نەق مېلىنىڭ باھاسى %0.8 ئۆرلەپ، ھەر باكىنىڭ باھاسى 53.17 دوللار بولغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.