دۆلىتىمىز سودا ساھەسىدىكى 7 كۈچلۈك ئايال

gulbostan 2017-01-25 10:32:00



FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى:
\
1.دوڭ مىڭجۇ. گېلى گوروھىنىڭ باش مۇدىرى، باش لىدىرى.
1990-يىلى گېلى گوروھىغا قوشۇلغان بولۇپ، 2015-يىلى «فۇبىس»ژورنىلىدىكى ئاسىيا سودا ساھەسىدىكى 50 ھوقۇقدار ئايالنىڭ رەت تەرتىپىدە 4-ئورۇندا تۇرغان، 2016-يىلى «بايلىق» ژورنىلىنىڭ يەرشارىدىكى 50 چوڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئاياللار رەت-تەرتىپىدە 11-ئورۇندا تۇرغان.
\
2. تاۋ خۇابى .
1989-يىلى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، «لاۋ گەنما»ماركىسىنى ياراتقان، ھازىر بۇ ماركا دۆلەتتىكى داڭلىق ماركىغا ئايلانغان. 3 يىلدا دۆلەتكە 3 مىليارد 800 مىليۇن باج تاپشۇرغان بولۇپ، مەھسۇلاتىنىڭ قىممىتى 6 مىليارد. ئۇ يەنە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ھالدا 8 مىليۇن دېھقاننىڭ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ئۇنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇنى 4 تۇتاش نۇمۇرلۇق ماشىنا نۇمۇر تاختىسى بىلەن مۇكاپاتلىغان. ئۇنىڭ ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك لىكساس ماشىنىسىنىڭ ئۆزىلا 5 مىليۇنغا يارايدۇ.
\
3.چېن لىخۇا. فۇخۇا خەلقئارالىق گوروھىنىڭ رەئىسى.
ئۇنىڭ فۇخۇا گوروھىنىڭ بېيجىڭدا بىر نەچچە ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بار بولۇپ، ئومۇمىي مەنلىغا 3 مىليارد 500 مىليۇندىن ئاشىدۇ. 2016-يىللىق خۇرۈن ئايال زەردارلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، چېن لىخۇا 50 مىليارد 500 مىليۇنلۇق بايلىقى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئۇنىڭ يولدىشى دەل « غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىكى تاڭ سېڭ.
\
4. سۈن يافاڭ. خۇاۋېينىڭ باش لىدىرى.
1989-يىلى خۇاۋېيغا كىرگەن بولۇپ، 1999-يىلى خۇاۋېينىڭ باش لېدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، 2015-يىلى ئاسىيادىكى ھوقۇقدار ئاياللار تىزىملىكىدە 9-ئورۇندا تۇرغان.
\
5. پېڭ لېي. ئەلى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى.
1999-يىلى ئەلى باباغا قېتىلغان بولۇپ، ھازىر «مايى جىنفۇ» گورۇھىنىڭ باش لېدىرى.
\
6.ياڭ خۈييەن.
بىخۈييۈەن مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
1981-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 2015-يىلى 6 مىليارد 100 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ياش ئايال زەردارلارنىڭ ئىچىدە 1-ئورۇنغا تىزىلغان. 2016-يىلى خۇرۈن ئايال زەردارلار تىزىملىكىدە 48 مىليارد 500 مىليۇن بىلەن 2-ئورۇنغا تىزىلغان.
\
7.ۋۇياجۈن. لوڭخۇ گوروھىنىڭ باش لېدىرى.
1995-يىلى پايغا قاتنىشىپ چۇڭچىڭ لوڭخۇ ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان بولۇپ، ۋۇياجۈن ئائىلىسى 25 مىليارد 500 مىليۇن بىلەن خۇرۈن ئايال زەردارلار تىزىملىكىدە 11-ئورۇنغا تىزىلغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.