بۇلتۇر دۆلىتىمىزنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقرىىش مىقدارى %13 تۆۋەنلىدى

gulbostan 2017-01-25 10:27:55

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە گوروھى 2016-يىللىق ئەڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت سانلىق مەلۇماتىدا ئېلان قىلىنىشىچە، بۇلتۇرقى نېفىت –گاز ئېكۋىۋالىېنت مەھسۇلات مىقدارى %8.6 چۈشۈپ، 431 باك ئېكۋېۋالېنت بولغان. خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %13.2 چۈشۈپ، 304 مىليۇن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %14.57 ۋە %5.23 چۈشۈپ، 25 مىليۇن 300 مىليۇن باك ۋە 503 مىليارد 500 مىليۇن باك بولغان؛ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%4.27 ئۆرلىگەن بولۇپ، 66 مىليارد 140 مىليۇن كۇپ فۇت بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇرقى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.41 چۈشۈپ، 235 مىليۇن بولغان؛ ئېتېلىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %0.53 چۈشۈپ، 110 مىليارد590 مىليۇن توننا بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چىگرا ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.78 ئېشىپ، 173 مىليۇن توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، پارچە سېتىلىش يولى %0.93 ئاشقان، بىۋاستە سېتىش ۋە ۋاستىلىك سېتىش يوللىرى %0.4 ئاشقان.
يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن يىللىق ساپ پايدا 62 مىليارد 81 مىليۇن خەلق پۇل بولغان، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %7.6 ئاشقان، ھەر بىر پاينىڭ پايدىسى 2.46 يۈەن خەلق پۇلى بولغان؛ بۇلتۇرقى تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.75 ئاشقان بولۇپ، 209 مىليارد 25 مىليۇن يۈەن خەلق پۇلى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆسۈمسىز ساپ پايدا نىسبىتى %16.51 ئېشىپ، 74 مىليارد 430 مىليۇن يۈەن خەلق پۇل بولغان. بۇ مەزگىلدە، سۈپەتسىز قەرز نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.19 نۇقتا ئېشىپ، %1.87 كە يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.