سەئۇدى ئەرەبىستان كۈنىگە 500 مىڭ تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىدىكەن

hasiyat 2016-12-01 11:42:13

\
ئىچكى قىسمىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، OPEC تىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىپ، كۈنىگە 10 مىليۇن 60 مىڭ تۇڭغا چۈشۈرۈشكە قوشۇلغان.
بۇ يىل 10-ئايدا بۇ دۆلەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون 540 مىڭ تۇڭغا يەتكەن.
يېقىنقى نەچچە ھەپتە ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان مۇستەھكەم مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىدىن 500 مىڭ تۇڭ كېمەيتشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ خەۋەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاشكارا مەيدانى بىلەن بىردەك ئىكەن .
بۇ ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، بۇ قېتىمقى يىغىندا OPEC قا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، ھىندونېزىيەنى ۋاقتىنچە OPEC تىن يۆتكىۋېتىش ھەمدە ئىران مەھسۇلات مىقدارىنى كۈنىگە 3 مىليۇن 797 مىڭ تۇڭ قىلىپ بىكىتىلگەن.
OPEC نىڭ 9- ئايدىكى ئالجىرىيە يىغىنىدا دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، نېفىت كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنى 32 مىليۇن 500 مىڭ توننىدىن 33 مىليون تۇڭ ئەتراپىدا كونتىرول قىلىپ، نېفىت باھاسىنى تىرەپ تۇرۇش پىلانلانغان، ھازىرقى مەھسۇلات مىقدارى بولسا 33 مىليۇن 640 مىڭ تۇڭ.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىران سەيشەنبە كۈنىOPEC قا يازما تەكلىپ بېرىپ ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كۈنىگە 1 مىليۇندىن ئارتۇق مەھسۇلات كېمەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان خالايدىغان كېمەيتىش سانىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.