ھىندىستاننىڭ ئالتۇن سېتىۋىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ

hasiyat 2016-12-01 11:44:54

\
گېرمانىيە سودا بانكىسى چارشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، خەلقئارالىق ETF فوندى مەبلىغى داۋاملىق ئېقىپ چىقىپ كەتكەن، لېكىن ھىندىستاننىڭ ئۆتكەن نەچچە ئايدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ئالتۇن ئېھتىياجى چوقۇم ئاجىزلايدىكەن. تۆنۈگۈن ETF ئالتۇن زاپىسى يەنە ئازايغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئاز دېگەندىمۇ بەش توننا ئازايغان؛ بۇ ئالتۇن ETF نىڭ ئۇدا 13 سودا كۈنى تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .
گېرمانىيە سودا تەھلىلچىسى مۇنداق دېدى : « ھازىرغاقەدەر , بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئالتۇن باھاسى سېتىۋالغۇچىلارنى ئانچە جەلىپ قىلالماسلىقى مۇمكىن . بۇنىڭ ئەكسىچە، ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئېھتىياجى مۆلچەرگە قارىغاندا، كەلگۈسى نەچچە ئاي ئىچىدە زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ».
ھىندىستاننىڭ بايرام پەسلىنىڭ يىتىپ كېلىشى بىلەن، ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى 10- ئايدا ئاشقان، بۇ ئايدا ھىندىستان ھۆكىمىتىنىڭ چوڭ سوممىلىق قەغەز پۇلنى بىكار قىلىش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئالتۇن ئىمپورتى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ۋەھالەنكى ئانالىزچىنىڭ ئېيتىشىچە، « ئالتۇن سېتىۋالغان چاغدا ، ھىندىستانلىقلار ناھايىتى سەۋىرچان . ھىندىستان ئۈنچە-مەرۋايىت سودا بىرلەشمىسىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 12 - ئاي ۋە 1 - ئايدىكى ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى ھېسابقا ئېلىنمىسىمۇ بولىدۇ . ھىندىستان , دۇبەي ۋە شىياڭگاڭ ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ قارشىچە، ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى كېلەركى ئىككى ئايدا 60-70 توننىغىچە تۆۋەنلىىشى مۇمكىن. بىر يىلنىڭ ئالدىدا، ھىندىستاننىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى 180 مىڭ توننىدىن ئاشقان.»


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.