2016-يىلى12-ئاينىڭ1-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-12-01 11:02:42

\

ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە (12-ئاينىڭ 1-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن 1162دوللار ئەتراپىدا چۈشكەن. چارشەنبە (11- ئاينىڭ 30-كۈنى) ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ياخشى چىقىشى، ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى، دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، ئالتۇن باھاسى 10ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 1170دوللارغا چۈشكەن. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا ئىشسىزلىق سانلىق مەلۇماتى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1195-1170.7دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن تەھلىل بويىچە 1190دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى1195دوللاردا كۆرىمىز دېگەن لېكىن بۇ پۇرسەتنى بەرمەي ئىز باھاسىدا مالنى چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1184دوللار ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1174دوللار ئەتراپىدا كۆردۇق.، ھەمدە 1170دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 4دوللارغا تەڭشىدۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 14دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى يۇقىرى نۇقتىدىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، ئىككى خىل سودا مەشخۇلاتى ئېلىپ بارىمىز, سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى توغۇرلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1165 1180
مۇتەخەسسىس : ئالىيە



ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.