ئىشلەپچىقىرش كېمەيتىلسىمۇ نېفىت باھاسى ئۆرلىمەمدۇ؟

xayida 2016-11-29 15:56:06

\


داۋمىڭ ئاكسىيىسىنىڭ تاۋار ئسىتىراتىگىيە باشقۇرغۇچىسىBart Melek ئىپادە بىلدۈرۈپ »:بىر نەچچە كۈندىن كىيىن، بىز نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ كۈنىگە 1 مىليۇن تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز ، بۇ بازارنى قىزىل رەقەم ھالىتىگە كىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ«دېدى،ۋاقىت گېزىتى:« بىز ئىراق تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئىراقىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا خوشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلۋالدۇق« دەپ دوكىلات كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن ئىراننىڭ بىرلىك سەپىتىكى دۆلەت ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،

نېفىت ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، ئىراننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ھەركۈنى 400 مىليۇن تۇڭغا يەتكەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئېراننىڭ بىلدۈرىشىچە، مەھسۇلات مىقدارى چەكلەشنىڭ ئالدىدىكى سەۋىيەگە يەتكەندە، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

لېكىن ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ترامپ بۇنىڭ ئالدىدا ئىران بىلەن بولغان «يادرو كىلىشىمى» نى «يىرتىپ تاشلايدىغانلىقى» توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، گەرچە ئىران خەلقى بۇ كىلىشىم ئېلىپ كىلىدىغان تەھدىتنى ئېتراپ قىلمىسىمۇ، لىكىن بۇ خىل ئېنىقسىزلىق ئىنتايىن روشەن.

نيۇيورك ئىنىرگىيە كىرىشتۈرمە فوند Again Capital دىكى John Kilduff نىڭ ئېيتىشىچە :«ئىراننىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كىمەيتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىكىسپورتى يەنە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن، شۇڭا ئۇلار ھازىر نىمىشقا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىشكە قوشۇلغۇدەك؟"

ئامېرىكاWTIنېفىتىنىڭ ئۆرلەپ 52 ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، مەھسۇلاتنى كېمەيتىشتە بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، نېفىتنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆرلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.