تىرامپ زۇڭتۇڭلۇق تەختىنى ھىلارىغا تارتقۇزۇپ قويامدۇ؟

karima 2016-11-29 15:34:19


ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئاخىرلاشقانغا ئۈچ ھەپتە بولۇپ قالدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرامپ ئاقساراينىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ دەپ تۇرغىنىدا، يوق يەردىن پۇتاق چىقتى! ئۇنداقتا تىرامپ پات يېقىندا قولىغا كېلىدىغان زۇڭتۇڭلۇق تەختىنى ساقلاپ قالالامدۇ يوق؟

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ «بېلەت سانىدا مەسىلە بار» دەپ گۇمان قىلىنغانلىقتىن، يېشىل پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جيۇل سىتېين يېقىندا ۋىسكونسىن ئىشتاتى قاتارلىق ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى تەڭ بولۇپ قالغان، پەرق روشەن بولمىغان تەۋرىنىشچان ئىشتاتلاردا بېلەت سانىنى قايتىدىن ھېسابلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە توردا پۇل توپلاش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋىسكونسىن ئىشتاتى سايلام كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار جيۇل سىتېيننىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش جەريانىنى قوزغىتىشقا تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

\

ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئىشتاتى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قايتىدىن بېلەت ھېسابلايدۇ


\



ۋىسكونسىن ئىشتاتى سايلام كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش كېلەر ھەپتە باشلىنىدىكەن ھەمدە 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇرۇن قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن. بۇ ۋىسكونسىن ئىشتاتىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۈچۈن قايتا بېلەت ھېسابلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان يېشىل پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جيۇل سىتېيننىڭ بىر باياناتتا ئېيتىشىچە، بۇ ئىشتاتلارنىڭ قايتىدىن بېلەت ھېسابلىشى بۇ قېتىملىق سايلامدا مەغلۇپ بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەمەس بولۇپ، پەقەت بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشى ئۈچۈن ئىكەن. سىتېيننىڭ سېپىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېشىل پارتىيەنىڭ ئەزاسى جورج مارتېن: بىز ۋىسكونسىن ئىشتاتى، مىچگان ئىشتاتى ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ بېلەت ھېسابلىشىدا خاتالىق چىقتى دەپ قارىمىدۇق، بىز پەقەت يېتەرلىك سىرتقى ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن بېلەت ھېسابلاش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈشنى قوللىدۇق.


\


ئەمما يۇقىرىدىكى ئۈچ ئىشتاتتا قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش ئۈچۈن نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىتېيننىڭ سېپىدىكىلەر توردا پۇل توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، 11-ئاينىڭ 25-كۈنىگە قەدەر بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل توپلىغان.

\


ئوخشاشلا يۇقىرىدىكى بۇ ئۈچ «تەۋرىنىشچان ئىشتات» نىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدىن گۇمانلانغانلاردىن يەنە مىچگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، قەغەز سايلام بېلىتى ۋە ئوپتىكىلىق سىكاننېرلاش ماشىنىسى ئىشلىتىلگەن سايلام رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتون ئېلېكتىرونلۇق بېلەت تاشلىغۇچ ئىشلىتىلگەن سايلام رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ناچار ئەھۋالدا تۇرغان، بۇ كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلغان.

مىچگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خاككېرلار ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ياكى بېلەت تاشلاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق ئىسپاتنى تاپالمىغان، قايتىدىن بېلەت ھېسابلاشقا مۇراجىئەت قىلىش پەقەت «گۇماننى يوقىتىش» ئۈچۈن ئىكەن. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىلارىنىڭ سېپىدىكىلەر نۆۋەتتە يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باققان

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا قايتىدىن بېلەت ھېسابلايدىغان ئەھۋال بىرىنچى قېتىم يۈز بەرگىنى يوق. 2000-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان كىچىك بوش ۋە رىقابەتچىسى گورىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بېلەت سانىدىكى پەرق %0.5 كىمۇ يەتمىگەن. فىلورىدا ئىشتاتىدىكى سايلام قانۇنىدا، ئەگەر نامزاتلارنىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانىدىكى پەرق %0.5 نىڭ ئىچىدە بولسا ھەر قايسى سايلام كومىتېتلىرى قايتىدىن بېلەت ھېسابلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. قايتىدىن بېلەت ھېسابلىغاندىن كېيىن، كىچىك بوش ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىشتاتنىڭ سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشىپ، 54-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

\

ھىلارى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئومۇمىي سايلامدا يېڭىپ چىققان ئەمما سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان بەشىنچى زۇڭتۇڭ نامزاتى، شۇنداقلا يەنە ھازىرغا قەدەر ئومۇمىي سايلامدا يۇقىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان زۇڭتۇڭ نامزاتى.

تىرامپ: قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش «بىمەنە ئىش» ھەم بىر «ئالدامچىلىق»

زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان تىرامپ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش «بىمەنىلىك» دېدى. ئۇ باياناتتا سايلام ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى، سايلام كۈنى كەچتە ھىلارى تەبرىكلىگەندەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ نەتىجىنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشى كېرەك دېدى.

\


تىرامپ قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش پەقەت يېشىل پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جيۇل سىتېيننىڭ «ئالدامچىلىقى» دەپ قارىدى ھەمدە جيۇل سىتېين ئەمەلىيەتتە قايتىدىن بېلەت ھېسابلاشقا ئىشلىتىلمەيدىغان ئىئانە يىغىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. تىرامپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :«بۇ قېتىملىق سايلام نەتىجىسى ھۆرمەتلىنىشى، باشقىلار تەرىپىدىن جەڭ ئېلان قىلىنماسلىقى ۋە ھاقارەت قىلىنماسلىقى كېرەك».

قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش تىرامپنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىنى ئۆزگەرتەلمەسلىكى مۇمكىن

گەرچە سايلام نەتىجىسى ئاللىقاچان ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، پۈتۈن ئامېرىكا تەۋەسىدە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش ئىستاتىستىكىسى يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 11-ئاينىڭ 23-كۈنىگە قەدەر ھىلارى ئېرىشكەن ئومۇمىي سايلام بېلىتى تىرامپنىڭكىدىن ئىككى مىليون پارچە ئېشىپ كەتكەن، ئەمما بۇ تىرامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن. ئامېرىكا سايلام قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 538 سايلىغۇچىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن زۇڭتۇڭ سايلاپ چېقىلىدىكەن. 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى سايلامغا بېلەت تاشلاش كۈنىدە تىرامپ 290 سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشكەن. ھىلارى ئەينى ۋاقىتتا ئاكتىپلىق بىلەن يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مىچگان ئىشتاتىدا تىرامپ 10704 بېلەت كۆپ بولۇشتەك ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن ھىلارىنى مەغلۇپ قىلغان، شۇ ئارقىلىق مىچگان ئىشتاتىنىڭ 16 پارچە سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشىپ، ئۆزى بىلەن ھىلارىنىڭ سايلىغۇچىلار بېلەت سانىنى 306 دە 232 گە ئۆزگەرتكەن.

ۋىسكونسىن، مىچگان ۋە پېنسىلۋانىيە ئۈچ ئىشتاتنىڭ قايتىدىن بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسىدە ھىلارى يېڭىپ چىقالمىسا، ھىلارى يەنىلا زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالىشالمايدىكەن.

ئەمما نۆۋەتتىكى ئاللىقاچان ئىستاتىستىكا قىلىنغان بېلەت سانىغا قارىغاندا، بۇ خىل ئېھتىماللىق ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا 12-ئاينىڭ 19-كۈنى 50 ئىشتات ۋە پايتەخت ۋاشىنگتون كولومبىيە ئالاھىدە رايونىغا ۋەكىللىك قىلغان 538 سايلىغۇچىدىن تۈزۈلگەن سايلىغۇچىلار قوشۇنى، ھەر قايسى ئىشتاتلارنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن رەسمىي ھالدا كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىدىكەن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا سايلىغۇچىلار قوشۇنىنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشى پەقەت شەكىلۋازلىق ئىكەن، ئەمما تارىختا بەزى سايلىغۇچى كەڭ سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە بېلەت تاشلىماسلىق ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن.

نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ 6 سايلىغۇچى ئۆز خاھىشىغا ئاساسەن ھىلارىغا بېلەت تاشلاشقا ئۆزگەرمەكچى بولغان، ئەمما ئامېرىكا سايلام مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئۈمىد بەك ئاز ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سايلىغۇچى قوشۇنى بېلەت تاشلاپ ھىلارىنى سايلاپ چىققان تەقدىردىمۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونترول قىلىۋالغان پارلامېنت ئارىلىشىپ توختىتىپ قالالايدىكەن ھەمدە بىۋاسىتە تىرامپنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلاپ چىقالايدىكەن.


مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.