سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ قەغەز ئالتۇن،كۈمۈش باھا يۆلىنىشى

hasiyat 2016-11-29 15:36:19

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورىنىڭ29-نويابىر ئېلان قىلغان خەۋرىدە كۆرسىتىلىشچە،سەيشەنبە كۈنى سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ قەغەز ئالتۇن ،كۈمۈش باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالدى.خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسى 1183.20دوللاردىكى باھادا بازار ئېچىلىپ،ئەڭ يۇقىرى 1197.60دوللار،ئەڭ تۆۋەن 1182.80دوللار بولدى؛بازار يېپىلىش باھاسى 1192.32دوللار بۇلۇپ،9.44دوللار ئۆرلەپ،ئۆرلەش بوشلۇقى %0.8 بولدى.خەلقئارا كۈمۈش باھاسى دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 16.47دوللاردىكى باھادا بازار ئېچىلىپ،ئەڭ تۆۋەن 16.44دوللار بولدى،ئەڭ يۇقىرى 16.86دوللار بولدى؛بازار يېپىلىش باھاسى 16.57دوللار بۇلۇپ،0.09دوللار ئۆرلىدى،ئۆرلەش بوشلۇقى %0.55 بولدى.

دۈشەنبە كۈنى ئالتۇننىڭ قايتا ئۆرلىشىدىكى سەۋەب بولسا،قەرەللىك مال بازىرىنىڭ بىراقلا تۇلۇقىلىنىشى تۈرتكە بولغان.تۈنۈگۈن ئالاھىدە چوڭ ئۇچۇرلارمۇ ئېلان قىلىنمىدى.بۇ ھەپتە بازارىنىڭ دىققەت نۇقتىسى چارشەنبە كۈنى ئېچىلدىغان ئوپپېىك يىغىنى بۇلۇپ،نۆۋەتتە بازار زور دەرىجىدە دىققەت قىلماقتا.ئۇنىڭدىن باشقا چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ 10-ئايلىق غەيرى-يېزا ئىگىلىك سانلىق ئۇچۇرى ئېلان قىلىندۇ؛لېكىن بازارنىڭ مۆلچەرىچە،بۇ ئۇچۇر ئامېرىكا فېدېراتسيسىنىڭ ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرىگە چوڭ دائىرىدە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىكەن.

ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى 2-ئاينىڭ8-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 1171.21دوللارنى كۆرسەتتى،بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا،دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ 14 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا ئۆرلىشى تەسىرىدىن بېسىمغا ئۇچىرىغان. بۇ ئايدا،ئالتۇن باھاسى % 7دائىرىدە تۆۋەنلەپ،دوللار ۋە ئامېرىكا قەرىزى تېرامپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېين،ئىقتىسادىنى كېڭەيتىش سىياسىتى مۆلچەرىىنىڭ تېرەش نۇقتىسى بۇلۇپ قالغان.تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە،دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشىدىكى ئاساس سەۋەپ بولسا،تېخنىكىلىق بازار تىرەش كۈچى بۇلۇپ،ئۇنڭدىن باشقا دوللار ۋە ئامېرىكا قەرىز پايدا نىسبىتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئامېرىكا فېدېراتىسىيسىنىڭ 11-ئايلارىنىڭ باشلىرىدىكى يىغىن خاتىرسىدىن قارىغاندا،ئامېرىكا فېدېراتىسىيە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن ئىلگىرى ئىقتىسادنىڭ ئېشىىپ،ئۆسۈم قۇشۇشقا قارىتا يىتەرلىك ئىشەنچى بار ئىكەن.ئۇنڭدىن باشقا ئەمەلىي ئالتۇن باھاسىدىن قارىغاندا،نەنيادىكى ئەمەلىي ئالتۇن ئېھتىياجى بىرقەدەر جانلىق بولغان،لېكىن

جۇڭگۇ ۋە ھىندىستان يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇننىڭ ئېمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن بۇلۇپ،بازارنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە ئالتۇن بىلەن تەمىنلەشكە قارىتا غەم-ئەندىشە پەيدا قىلغان.دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن سودا مەركىزىETF,SPDR نىڭ ئالدىنقى ھەپتدىكى ئالتۇن زاپىسى ئۇددا%0.73كېمىيىپ،885.04توننا ئازايغان.ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى قايتا ئۆرلىگەندىن كېيىن،ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسى 1800دوللار ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، ئالتۇننىڭ نۆۋەتتىكى توسالغۇ نۇقتىسى 1200دوللار . ئالتۇن باھاسى داۋاملىق قايتا ئۆرلىيەلەمدۇ يوق ۋە بۇ توسالغۇ نۇقتىسىنى بۈسۈپ ئۈتەلەمدۇ ؟ نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنڭغا ئالاھىدە دىققەت نەزىىرنى ئاغدۇرماقتا.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.