ئىراق، نېگىرىيە نېفىت ئېكىسپورتىنىڭ ئېشىشى نېفىت باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

gulbostan 2016-08-23 12:25:07

\

دۈشەنبە ئامېرىكا 10- ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1.47 دوللار تۆۋەنلەپ، 47.05 دوللار / باك بولدى. برېنىت 10- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1.72 دوللار تۆۋەنلەپ، 49.16 دوللار/باك بولدى. جۇڭگو يېقىلغۇ ماي ئېكىسپورتىنىڭ چوڭ ئېشىشى ھەمدە ئىراق ۋە نىگېرىيە نېفىت ئېكىسپورت مىقدارى ئېشىپ، نېفىت بازىرىنىڭ تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش ئەندىشىسى قايتا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى سانى ئۇدا سەككىزىنچى ھەپتىلىك ئېشىشنى كۆرسەتكەن، ئۇنىڭدىن باشىقا دوللارنىڭ قايتا ئۆرلىشىمۇ نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 47.36 دوللار/باك بولدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 49.11 دوللار/باك بولدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.