بۇ يىللىق ئالتۇن باھا يۈزلىنىشىگە قىزىقامسىز؟

gulbostan 2016-08-23 12:56:52

\

بۇ يىل خەلىقئارالىق ئالتۇن باھاسى تۇيۇقسىز شىددەت بىلەن ئېشىپ، كىشلەر ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، كۈمۈش بۇيۇملىرىنىڭ سودىسى قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى. بىراق يېقىندىن بۇيان ئالتۇننىڭ باھاسى 2010-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆرلەش دائىرىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشلەر كونا ئالتۇن زىببۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ سودىسى تېخىمۇ كاساتلىشىپ، بۇ ئالتۇن زىببۇ زىننەت سودىگەرلىرىنىڭ سودا شەكلى شەكىل ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈزلەندى. بىراق بىر قىسىم رايونلاردىكى پۇقرالار يەنىلا كونا ئالتۇن بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلىدى. پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىستىمال دۆلىتى بولغان ھىندىستاننىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج سۇسلاشقانلىقتىن، ئالتۇن بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى تەڭپۇڭلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. 2015-يىللىق يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن يىغىۋېلىش دۆلىتى بولغان تۈركىيەنىڭ بۇ يىللىق ئالتۇن يىغىۋېلىش سوممىسىمۇ ماس قەەمدە ئازايدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.