بۈگۈن كۈمۈش باھاسى 19دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى

gulbostan 2016-08-23 12:14:07

\

بۈگۈن خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ ھەر ئۇنسىيە كۈمۈش باھاسى 19 دوللارنىڭ ئاسىتىدا بولدى .دۈشەنبە كەچتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارى بالدۇر ئۆسۈم قۇشۇشدىغانلىقىنى بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بۇلۇپ شۇ كۈنلۈك كۈمۈش باھاسى ئىككى دوللار ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى ھەمدە ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 18.73 دوللارنى كۆرسەتتى . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە ئامېرىكا 7-ئايلىق يېڭى ئۆي سېتىش ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسىدە بولۇپ، سودىگەرلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى جۈمە كۈنىدىكى جېكسوى خول يىغىنى ۋە يېلېننىڭ ئۆسۈم قوشۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىگە مەركەزلىشىپ قالدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.