يىل ئاخىرىدا نېفىت باھاسى 50دوللار ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى

gulbostan 2016-06-30 12:35:25

\

ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى ھەمدە ئەنگىليە باش ۋەزىرى كامېلۇننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى نەتىجىسىدە، خەلىقئارالىق نېفىت باھاسى ئىككى كۈن ئىچىدە %7تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. بىراق 6-ئاينىڭ28-كۈنى(سەيشەنبە)دىن باشلاپ نېفىت باھاسى ئۇدا ئىككى كۈن ئۆرلەپ، ئىلگىرىكى تۆۋەنلەش ھالىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن قايتۇرۋالدى. بېرىنىت نېفىتى قايتىدىن 50دوللارنىڭ يۇقىرىسىغا كۆتۈرۈلدى. بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا بېرىنىت نېفىتىتىنىڭ ھەر باكى 50.96دوللار بولۇپ، كېچىدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممىتى51.44دوللار ئەتراپىدا بولدى. ئامېرىكا نېفىتىنىڭ ھەر باكى 49.50دوللار بولۇپ، كېچىدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممىتى50دوللار ئەتراپىدا بولدى.ئۇنىڭدىن باشقا زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ بېرىنىت نېفىتىغا بولغان پوزىتسىيەسى ئامېرىكا نېفىتىغا قارىغاندا ئاكتىپ بولۇپ،% 71تىن كۆپرەك ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىدە بېرىنىت نېفىتى 2016-يىلى يىل ئاخىرىغىچە 50دوللار ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.