كۈمۈش باھاسى ئۆرلىدى

gulbostan 2016-06-30 13:17:02

\6-ئاينىڭ29-كۈنى(چارشەنبە) ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىشى ۋە تۈركىيە ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن پارتىلىتىشىتەك قوش زەربىدىن كېيىن خەلىقئارالىق كۈمۈشنىڭ باھاسى ئۆرلەپ 18دوللارغا ئۆرلىدى. دوللار كۆرسەتكۈچى ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. شۇ كۈنلۈك ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىنىڭ مۆلچەرگە يېتەلمەسلىكىمۇ دوللارغا نىسبەتەن بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئالتۇن% 1ئۆرلەپ ھەر ئۇنسىيەسى 1324.90دوللار بولدى. ئالتۇننىڭ باھاسى يەنىلا ئالدىنقى جۈمە كۈنى يەنى ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنگەن كۈنىدىكى 1358.20دوللاردىن تۆۋەن بولدى. كۈمۈشنىڭ باھاسى% 3.9 ئۆرلەپ ھەر ئۇنسىيەسى 18.44دوللارلىق قىممەت بىلەن 18ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.