2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

zumrat 2016-06-30 11:12:42

\

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئاسىيا بازىرىدا ئالدىنقى كۈندىكى ئۈسۈش ھالتىنى ساقلاپ قېلىپ ، شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 18.36 دوللار بولدى . چارشەنبە كۈنى " ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىش " كە ئاۋاز قوشۇش پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ يەنىلا داۋاملىق كۈچەيگەنلىك سەۋەبىدىن ، كۈمۈشنىڭ شۇ كۈندىكى باھاسى ئۆرلەپ 4% كە يېقىنلاشتى ھەمدە مۇشۇ بىر يېرىم يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى 18.45 نۇقتىنى كۆرسەتتى . پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بۇلدىغىنى ياۋرو رايونى CPI ھەمدە ئامېرىكا دەسلەپكى ئشسىزلىق سوممىسى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار .

مەشغۇلات باسقۇچى

1. تۈنۈگۈن كۈمۈش باھاسى بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى ئەڭ يۇقىرى 3906-3890 دىكى نۇقتا ئارلىقىدا بولدى.ئۇمۇمەن بازار ئۆرلەشنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ ، تۈنۈگۈنكى بازاردا ئىككى قېتىم ئۆرلەش كۆرۈلدى.تۈنۈگۈن بىز تەھلىلدە 3900-3895ئەتراپىدىن يېنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 3865-3845 دىكى باھادا كۆرىمىز دىگەن ئىدۇق بىراق كۈمۈشنىڭ 3870دىكى تىرەش نۇقتىسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ، بۇ نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتەلمەي بىراقلا ئۆرلەپ كەتتى ھەمدە بىز تۈنۈگۈن 3870 دىكى نۇقتىغا كەلگەندە ئەسكەرتىش بېرىپ قولىدا مال بار خېرىدارلارنىڭ بىر قىسىم مالنى چىقىرۋىتىشنى دېدۇق .بۈگۈن سودا قىلغاندا كۈمۈشنى 3912-3903دىكى نۇقتىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 3871-3882نۇقتا ئەتراپىدا كۆرىمىز



2.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
3900، 3870

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ







سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.