كەچتىكى زاپاس مىقدارى سانلىق مەلۇماتى نېفىتقا تۈرتكىلىك رول كۆرسىتەلەمدۇ؟

karima 2016-05-25 18:20:57

\


چارشەنبە كۈنى ياۋرۇپا ئەتىگەنلىك بازىرىدا، خەلقئارا قەرەللىك نېفىت باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ، ئۇدا تۆت كۈن چۈشۈش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى يەتتە ئايدىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، سەۋەبى ئامېرىكا كەسپىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى چۈشۈش دائىرسى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىققان.

زاپاس مىقدارىدىن باشقا، نېفىت باھاسى يەنە تۈنۈگۈن كەچتىكى ئامېرىكا پايچېكىنىڭ ئۆسۈش تەسىرىگە ئۇچرىغان، ھەمدە ئامېرىكا ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشى چىقىش تۈرتكىسىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر سانلىق ئۇچۇر ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ (FED) ئەڭ بالدۇر دېگەندە 6- ئايدا ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

OptionsXpress تەھلىلچىسى Ben Le Brun ئىپادە بىلدۈرۈپ، زاپاس مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى قىسمەن سەۋەبى كانادا ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ كېمىيىشى. لېكىن بىر قىسىم نېفىت قازغۇچى سودىگەرلەر سەيشەنبە كۈنى كانادا ئېنىرگىيە مەركىزىي رايوندىكى خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

Le Brun نىڭ ئېيتىشىچە" ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشى نېفىت ئىستىمالى ۋە ئېھتىياجىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ياخشى ئىش. تېخنىكىلىق يۈزدىن قارىغاندا، بازار نۆۋەتتە داۋاملىق ئامېرىكا نېفىت باھاسىنىڭ 50 دوللارنىڭ يۇقىرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولماقتا، بىز قايسى ھالەتكىچە ئۆسەلەيدۇ كۆرۈپ باقماقچى." دەپ ئېيتى.

ئۇ يەنە كۆرسەتمە بېرىپ،" مېنىڭ قارىشىمچە يۇقىرىغا ئۆسۈش چېكى ھازىرقى ھالەتتىن ئانچە يۇقىرى بوپ كەتمەيدۇ، دۇنيادا يەنىلا يىتەرلىك بولغان نېفىت تەمىناتى بار، گەرچە يۇقىرى نۇقتىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ."

ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمئىيىتى (API) سەيشەنبە كۈنى ئېيتىشىچە، 5-ئاينىڭ20-كۈنىگىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى5 مىليون 100 مىڭ باك تۆۋەنلەپ، 5.368 مىليون باكقىچە بولدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تەھلىلچىلەر 2 مىليون 500 مىڭ باك كېمىيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

API سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېنزىن زاپاس مىقدارى 3 مىليون 600 مىڭ باك ئاشقان، چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى 2 مىليون 900 مىڭ باك كېمەيگەن.

ئامېرىكا ئېنىرگىيە باش ئۇچۇر مەھكىمىسى (EIA) چارشەنبە بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 22:30 دا زاپاس مىقدارى سانلىق ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار زاپاس مىقدارىنىڭ چوڭ دائىرىدە چۈشۈشىنى كۈتمەكتە.

بېيجىڭ ۋاقتى 15:51 دە، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.19 ئۆسۈپ، 49.19 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.28 ئۆسۈپ، 49.24 دوللار/باك بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.