كەچتىكى ئامېرىكا سانلىق ئۇچۇرى دوللارغا قانداق تەسىرى كۆرسىتىدۇ؟

karima 2016-05-25 17:03:24

\


سىتى گۇروھى (Citigroup) نىڭ G-10 تاشقى پېرۋوت سىتراتىگىيچىسى Steven Englander سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئەگەر بۇ ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم زاكاس تالونى سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقسا، دوللارنى ياۋرۇغا ئالماشتۇرۇش، ياپۇنىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش باھاسى ئېھتىمال كۈچىيىشى مۇمكىن.

چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ياۋرۇ/دوللار باھاسى %0.12 ئۆسۈپ، 1.1153 بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دوللار/ياپۇنىيە يېنى ئاساسەن تەڭلىىشپ 110 دىكى ئۆتكەل ئەتراپىدا بولدى.

ئامېرىكا سودا مېنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 20:30 دا ئامېرىكا 4-ئايلىق چىداشلىق بۇيۇم زاكاس تالونى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، نۆۋەتتە بازار مۆلچەرى ئايلىق نىسبىتى %0.5 يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئالدىنقى قىممەت %0.8 ئاشقان. بىراق سىتى گۇروھى ئىقتىسادشۇناسنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشى توختىغاندىن كېيىنكى تەسىرى ھەمدە زاكاس تالونىنىڭ كۈچلۈك ئېشىش تۈرتكىسىگە ئۇچراپ، ئامېرىكا 4-ئايلىق چىداشلىق بۇيۇم زاكاس تالونى ئايلىق نىسبىتى %2.5 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

مەزكۇر ئورگان كۆرسەتمە بېرىپ، " يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامېرىكا فېدراتسىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدە ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ياخشىلىنىشقا موھتاجلىقىنى ئېيتقان، شۇڭا 4-ئايلىق چىداشلىق بۇيۇم زاكاس تالونى مەلۇماتى ئېھتىمال بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن." دەپ كۆرسەتتى.

سىتى گۇروھىنىڭ ئېيتىشىچە، " ئامېرىكا فېدراتىسيە ئەمەلدارى سۆزىدە ئىزچىل" سانلىق مەلۇمات سۈپىتى" نى تىلغا ئالغان، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئولتۇراق ئۆي سانلىق مەلۇماتى ئىپادىسى يامان ئەمەس ، لېكىن مەبلەغ سېلىش سانلىق مەلۇماتى ياخشى ئەمەس. ئامېرىكا فېدراتسىيسى مەبلەغ سېلىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۈچىيىشىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ." دەپ كۆرسەتتى،

مەزكۇر ئورگان يەنە تولۇقلاپ، " بۇ يىل 6-ئاي ۋە 7-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئاشتى، ئامېرىكا فېدراتسىيسى بۇ يىل ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ئېشىشى مۇمكىن. گەرچە بۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر بازىرىغا خرىس ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى ئىقتىساد ئاجىزلاشقانغا قارىغاندا دۇنيا مۈلكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ." دەپ ئېيتتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.