كۈمۈش قىسقا مۇددەت ئىچىدە 16 ئۆتكەلگە چۈشتى

sayibjamal 2016-05-25 17:01:08

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق مال كۈمۈش باھاسى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 16.16 دوللار بولۇپ، بەش ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان. سەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) ئامېرىكىدا يېڭى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى 8 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، دوللارنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى، كۈمۈش باھاسى شۇ كۈنى %1 كە يېقىن چۈشتى. بازاردىكى ئەڭ تۆۋەن باھاسى 16.19 دوللار بولدى.
ھازىر كۈمۈش باھاسىنىڭ دەسلەپكى بۆسۈش نۇقتىسى 16.36/45 دوللار بولۇپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدىكى بۆسۈش نۇقتىسى 16.66، 17، 17.64، 17.80، 18، 18.45، 18.60، 18.80 ھەمدە 19 دوللار بولغان. چۈشۈش جەھەتتە، دەسلەپكى تىرەش نۇقتىسى 16.16 دوللار بولۇپ، بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدىكى تىرەش نۇقتىسى 16، 15.80، 15.45، 15.30 ۋە 15 دوللار بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.